تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى يېقىندا تىجارەت باشلايدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شىياۋمى خەۋىرى) «كەچۈرۈڭ، بىر تېخى تىجارەت باشلىمىدۇق، 11- ئاينىڭ 10- كۈنى ئەتراپىدا تىجارەت باشلاشنى مۆلچەرلەۋاتىمىز.» 10- ئاينىڭ 22- كۈنى ئەتىگەندىلا، بەييۈن قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ خىزمەتچىلىرى مەسلىھەت سوراش تېلېفونلىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  مۇخبىر يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى، ياڭگۇاڭ قار تېيىلىش مەيدانى، نەنسەن چارۋىچىلىق مەيدانى نەنسەننەن قار تېيىلىش مەيدانى، تىيانشان شياۋشياگۇ قار تېيىلىش مەيدانىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يىل ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ 11- ئاينىڭ بېشىدىن 11- ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە بولغان ئارىلىقتا تىجارەت باشلايدىغانلىقىنى بىلدى.

  ئەسلىھەلەر كۆپەيتىلدى، بۇ يىل قار تېيىلىش مەيدانى تېخىمۇ قىزىپ كېتىدۇ

  قار تېيىلىش مەيدانى كېڭەيتىلگەن، ئاسما ۋاگون، سېھىرلىك گېلەم قاتارلىق ئەسلىھەلەر ۋە قار تېيىلىش ئۈسكۈنلىرى كۆپەيتىلگەن... زىيارەت داۋامىدا، مۇخبىر بۇ يىل كۆپلىگەن قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ قار تېيىلىش ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قار تېيىلىش ئەسۋابلىرىنى يېڭىلىغانلىقىنى، قار تېيىلىش يېڭى پەسلىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەنلىكىنى ئىگىلىدى.

  بۇ يىل قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

  بەييۈن قار تېيىلىش مەيدانىدا يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە، ئوتتۇرا سەۋىيەدىكىلەرگە ماس كېلىدىغان مەخسۇس بالىلار قار تېيىلىش يولى، بالىلار مەخسۇس قار تېيىلىش چەمبىرىكى يولى قوشۇلغان، قار تېيىلىش چاڭغىسى، قار تېيىلىش چەمبىرىكى، قاردا مىنىدىغان ۋېلىسىپىت قاتارلىق قار تېيىلىش ئەسلىھەلىرى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن.

  نەنسەن چارۋىچىلىق مەيدانى ئادىمىيەت ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى نەنسەن چارۋىچىلىق مەيدانى نەنسەن قار تېيىلىش مەيدانىدا، قار موتوسىكلىتى، قار تانكىسى، قار كېمىسى قاتارلىق قار- مۇز كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى كۆپەيتىلگەن.

  «قار تېيىلىش+» بۇ يىلقى يېڭى بىر يۈزلىنىش، ھەر قايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرى پەقەت قار تېيىلىشتىن ئىبارەت بىرلا خىل تۈرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپلا قالماستىن، قار تېيىلىشقا ئويۇن قويۇش، ئارىشاڭ، ئۆرپ- ئادەت، پىيادە مېڭىش، مەززىلىك تائاملار قاتارلىق تۈرلەرنى قوشقان، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى تەنتەربىيە خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق تۈرلەردىن بەھىرلەندۈرىدىكەن.

  ساياھەتچىلەرگە ئەڭ ياخشى تۇيغۇ ئېلىپ كېلىدۇ

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى ۋە ئۈرۈمچى ئەتراپىدا S دەرىجىلىك ۋە S دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قار تېيىلىش مەيدانىدىن 6 سى بار ئىكەن.

   بۇ يىل قىشتا، ئۈرۈمچى شەھىرى قار- مۇزدا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، قارلىق دالىدا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ۋە ئاممىۋى چاڭغا تېيىلىش، تىز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ پائالىيەتلەر جەريانىدا ساياھەت قىلىش، قار- مۇز تەنھەرىكىتى، مەززىلىك تائاملار، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ۋە مال سېتىۋېلىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك قار- مۇز پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر شۇنداقلا شەھەر ئاھالىلىرىنى قار- مۇز خۇشاللىقىدىن بەھرلەندۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى