تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يەكەن ناھىيەسى: دېھقانلار بىلەن كارخانىلار خاس تېرىقچىلىقتىن مەنپەئەتلەندى، پۇقرالار ئالقىشلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئەلى، ئابلىكىم خەۋىرى): بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سەبدە گۈلى تېرىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، «بازا+كارخانا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت تېرىقچىلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن كارخانا تەڭ پايدا ئالىدىغان، پۇقرالار ئالقىشلايدىغان كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ياخشى يولىنى تېپىپ چىقتى.

  يېقىندا، يەكەن ناھىيەسىدىكى 130 مىڭ مو يەردىكى سەبدە گۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلدى، سەبدە گۈل تېرىيدىغان ئائىلىلەرمۇ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىراش پەسىلنى كۈتۈۋالدى. ھەر قېتىم سەبدە گۈل تېرىش ۋە پەرۋىش قىلىش ھالقىلىق مەزگىلىگە كەلگەندە، يەكەن ناھىيەسىدىكى دېھقانچىلىق تامراقلىرى ۋە كارخانىلار تېخنىكلارنى تەشكىللەپ ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، دېھقانلارنى ھەر تەرەپلىمىلىك تېخنىكا تەربىيەسى ۋە يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

  يەكەن ناھىيەلىك يېڭى زەرەپشان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا 18 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچى ئىنتايىن ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھەر كۈنى 20 توننىدىن 25 توننىغىچە سەبدە گۈل سېتىۋالىدۇ. ھەمكارلىق كوپىراتىپى سەبدە گۈل تېرىش، باشقۇرۇش، سېتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن نامرات ئائىلىلەرنى پەسىللىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھوسۇل يىغىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا، بۇ يەردىكى كارخانىلاردا سەبدە گۈل پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى كەمچىل، پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا، كەسىپنىڭ يېتەكلەش كۈچى ئاجىز ئىدى. بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يەكەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن، چېنگۇاڭ بىيو پەن-تېخنىكا گۇرۇھى يەكەن چەكلىك شىركىتى ئۇدا ئۈچ يىل مەبلەغ سېلىپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى ھەمدە ئەڭ يادرولۇق ئېكستراكتلاش ھۈنەر-سەنئىتىنى يەكەنگە ئېلىپ كېلىپ، شۇ جايدا سەبدە گۈل تېرمىنال مەھسۇلاتىنى ئارقىمۇئارقا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  بۈگۈنكى كۈندە، يەكەن ناھىيەسىدە 63 مىڭ دېھقان ئائىلىسى سەبدە گۈل تېرىيدىغان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 130 مىڭ موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 30 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنىڭ تېرىش كۆلىمى 60 مىڭ مو بولۇپ، تېرىقچىلىق كۆلىمىنىڭ %54ىنى ئىگىلىدى.

قەشقەر گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى