تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

«جۇڭگونىڭ كىتاب جازىسى» لوندونغا ماكانلاشتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوندون، 10- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاڭ دەيلېي): جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر كىتابلىرىنى چەت ئەلدە ئومۇملاشتۇرۇش تۈرى «جۇڭگونىڭ كىتاب جازىسى»نىڭ ئەنگلىيەدىكى باشلىنىش مۇراسىمى 10- ئاينىڭ 22- كۈنى لوندوندىكى فۇئىل كىتابخانىسىنىڭ بايراقدار دۇكىنىدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو-ئەنگلىيە نەشر قىلىش-تارقىتىش ساھەسى ۋە ئىلىم، مائارىپ، تاراتقۇ ساھەسىدىن كەلگەن نەچچە يۈز مېھمان مۇراسىمغا قاتناشتى.

   «جۇڭگونىڭ كىتاب جازىسى»نىڭ ئەنگلىيە تۈرىنى جۇڭگو ياشلار باش نەشرىياتى يېتەكچىلىك قىلىپ يولغا قويغان. جۇڭگو ياشلار باش نەشرىياتىنىڭ باشلىقى پى جۈن باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك يۇقىرى سۈپەتلىك، سالمىقى بار كىتابلار ئارقىلىق جۇڭگونى چۈشىنىشنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ، «جۇڭگونىڭ كىتاب جازىسى» دەل بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.

   ئىگىلىنىشىچە، ئەنگلىيەدە «جۇڭگونىڭ كىتاب جازىسى» تەسىس قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو ياشلار باش نەشرىياتى ۋە ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىر يىل پىلانلاپ تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، ئەنگلىيە نەشر قىلىش-تارقىتىش ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، سەنئەت، ئەدەبىيات، پەن-تېخنىكا قاتارلىق مەزمۇنلىرى تونۇشتۇرۇلغان 100 خىلدىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر كىتابلارنى تاللاشقا تەشكىللىگەن، بۇ كىتابلار ئەنگلىيەدىكى داڭلىق چوڭ-ئوتتۇرا تىپتىكى كىتابخانا، مەدەنىيەت سورۇنلىرىغا تەسىس قىلىنغان جازىلاردا ئوزۇن مۇددەت كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن، سېتىلىدىكەن.

   جۇڭگونىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: كىتاب جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى ۋاسىتە، شۇنداقلا غەربتىكى خەلقنىڭ جۇڭگونى كۈزىتىشى ۋە چۈشىنىشىدىكى كۆزنەك، «جۇڭگونىڭ كىتاب جازىسى» جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش، مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ جۇڭگو يولىغا بولغان چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشىدۇ.

     خەلقئارادىكى داڭلىق نەشرىياتچى، «جۇڭخۇا كىتاب ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچى رىچارد چاجىن باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ نەشىرىيات كەسپى پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، «جۇڭگونىڭ كىتاب جازىسى» ئەنگىلىيەلىك ئوقۇرمەنلەرگە جۇڭگو مەدەنىيىتىنى چۈشىنىدىغان بىر مەيدان كاتتا زىياپەت ئېلىپ كېلىدۇ.

    «جۇڭگونىڭ كىتاب جازىسى» جۇڭگو دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات مەھكىمىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن مۇھىم كىتابلارنى سىرتقا كېڭەيتىش تۈرى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چوڭ تىپتىكى كىتابخانىلار جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان سىياسىي، ئىقتىساد، ئەدەبىيات، سەنئەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى كىتابلىرىنى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ئارقىلىق، شۇ جايدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇش ئارقىلىق جۇڭگونى بىۋاستە، ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى