تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا كىچىك باغلاردىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش «يېشىل بانكىسى» ئېچىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شاڭ شېڭ) كۆپ يىل ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاپ ئېچىش ئارقىلىق، ھازىر شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئون مىليون مولۇق خاس باغلار كۆلەملەشتى ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسى ۋە تۈۋرۈك كەسىپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. تۇتاش كەتكەن مېۋىلىك باغلار خۇددى يېشىل «بەلباغ»قا ئوخشاش قۇم-بوراننىڭ بوستانلىققا ھۇجۇم قىلىشىنى توسماقتا ئىدى. 

  شىنجاڭ ئورمانچىلىق تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ خاس باغ-ئورمان كۆلىمى 22 مىليون موغا مۇقىملىشىپ، مەھسۇلات مىقدارى 7 مىليون توننىدىن ئېشىپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدىگەن جەنۇبىي شىنجاڭ خاس باغۋەنچىلىك ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىنى شەكىللەندۈرگەن. بۈگۈنكى كۈندە، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇق مەنزىرىسىدىن باشقا، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان يېشىل باغلارنى كۆرۈشمۇ ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغان.

  ئۆزگىچە كىلىمات ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركەزلىك، يانتۇ شەكىللىك مەبلەغ سېلىپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ خاس باغۋەنچىلىك ئالاھىدىلىكىنى زورايتتى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭلا 2018- يىلى باغ-ئورمان كۆلىمى 4 مىليون 500 مىڭ موغا، مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون 360 مىڭ توننىغا، دېھقانلارنىڭ باغۋەنچىلىك ساپ كىرىمى 4992 يۈەنگە يېتىپ، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىنىڭ %33ىنى ئىگىلىدى. چىلان، ياڭاق، ئالما قاتارلىقلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»، «بەخت مېۋىسى»گە ئايلاندى.

  باغۋەنچىلىكنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش قەدىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، مېۋىلەرنى  زاپاس ساقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشتىكى زور بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلار تىيانشاننىڭ جەنۇب - شىمالىغا ماكانلاشتى. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى شىنجاڭدىكى ياڭاق ئۆستۈرۈش كۆلىمى ئەڭ چوڭ ناھىيە، بۇ جاي ھەر خىل ياڭاقنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، ياڭاقنىڭ ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرىنى زور كۈچ بىلەن ئۇزارتتى. ياڭاق سۈتى، ياڭاق مېيى، ياڭاق ئاقسىل تالقىنى قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلاردىن باشقا، ھەتتا ئىلگىرى ئورگانىك ئوغۇت سۈپىتىدىلا ئىشلىتىلىدىغان ياكى تاشلىۋېتىلىدىغان ياڭاقنىڭ كۆك پوستىنى زاۋۇتلار تاننىن كىسلاتاسىغا ئايلاندۇرۇپ، «يەپ تۈگىتىش، ئۇرۇقىنىمۇ ئىسىراپ قىلماسلىق»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

  باغۋەنچىلىك كۆلەملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، سېتىش يولى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ خاس باغۋەنچىلىكى ئېلېكترونلۇق سودىنىڭ «قولايلىق ئاپتوموبىلى»غا چىقتى، ئالى بابا، جىڭدۇڭ، پىڭدودو قاتارلىق ئېلېكترونلۇق سودا كارخانىلىرى ئۆمەك تەشكىللەپ شىنجاڭ بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى قانات يايدۇردى؛ يەرلىكتە يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى سىجىل كۈچ قوشۇپ، «ئىچكى سېتىۋېلىش» ۋە «سىرتقا سېتىش»تىن ئىبارەت ئىككى تور ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى؛ جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى «10 شەھەر، 100 دۇكان» قۇرۇلۇشى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كىرىش ئېغىزى قىلىپ، كۆپ خىل سېتىش يوللىرى ۋە سۇپىلىرىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، جېجياڭنىڭ بازاردىكى چوڭ ئۆلكىلىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «شىنجاڭنىڭ مېۋىسىنى شەرققە يەتكۈزۈش» يېشىل يولىنى ئاچتى.

  باغۋەنچىلىك كۆلىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «ھەميېنى» بارا-بارا تومپايدى. بۈگۈنكى كۈندە، تارىم ئويمانلىقىدىكى باغۋەنچىلىك ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ مېۋىچىلىكتىن قىلغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى دېھقانچىلىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنىڭ ئاساسلىق يولى بولۇپ قالدى.

  يېشىل باغلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىقلارنىڭ ئەسلىدىكى قۇرغاق رايون ئىقلىمىدىمۇ ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىش بولدى. قۇملۇقنىڭ چېتىگە جايلاشقان ئاقسۇ شەھىرى، قاغىلىق ناھىيەسىدە ئىلگىرى ھەر يىلى ئەتىيازدا دائىم قۇم-بوران چىقىپ، قۇياشنى كۆرگىلى بولمايتتى، كەڭ كۆلەملىك خاس باغۋەنچىلىك تېرىقچىلىقىدىن كېيىن، قۇم-بوران ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئازايدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى