تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

4- شى كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنى يىغىپ بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى يەن، ۋەن يىيەن خەۋىرى): يېقىندا، مۇخبىرنىڭ 4- شى كۆكدالا شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ شى بىلەن شەھەرنىڭ كۈزلۈك ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىش خىزمىتى باشلىنىش مەزگىلىگە كىرگەن، ھازىرغىچە، 980 مىڭ مو يەردىكى زىرائەتتىن ھوسۇل ئېلىنىپ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن ھوسۇل يىغىۋېلىش كۆلىمى %64 كە يەتكەن.

  كۈزلۈك ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن ھوسۇل ئېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، 10- ئايدىن بۇيان، 4- شى ھەر قايسى تۇەن-مەيدانلارغا يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھاۋا ئوچۇق ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، مەھسۇلاتلارنى يىغىشى ۋە ئاپتاپقا سېلىشىغا نازارەتچىلىك قىلدى. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ھوسۇل ئېلىش نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، ئورۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 100 دىن ئارتۇق ماشىنىلاشقان بىرلەشمە كومبايىن، يېرىم ماشىنىلاشقان دان ئايرىش ماشىنىسىدا مەھسۇلاتلارنى جىددىي يىغىشقا تەشكىللىدى. ھەرقايسى تۇەن-مەيدان ئورگانلىرى، ليەندۈيلەردىكى پارتىيە ئەزالىرى- كادىرلار ئارقا-ئارقىدىن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1-سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ياشانغان، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ ۋە ئەمگەك كۈچى كەمچىل دېھقانلارنىڭ زىرائەتلەرنى تېز يىغىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ ھەر بىر دانىسىنىڭ ئامبارغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ شىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تارماقلىرى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى ماي بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يىغىۋېلىش ماشىنىلىرىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  بۇ شى، شەھەر ھەرقايسى تۇەن-مەيدانلاردىكى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنى كۈزلۈك يىغىم مىقدارىنى يەنىمۇ زورايتىشقا، ماشىنىدا تېرىش، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى مەھسۇلاتلارنى ئاپتاپقا سېلىش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللەپ، كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ ھەربىر دانىسىنىڭ ئامبارغا كىرىشىگە ۋە كۈزلۈك، قىشلىق تېرىقچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى؛ ئېڭىز ئالماشتۇرۇپ تېرىش، يەر تۈزلەپ تېرىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەپ، كۈزگى بۇغداينى مۇۋاپىق پەيتتە يېتەرلىك نەملىك بىلەن تېرىپ، ئۈنۈپ چىققان كۈزگى بۇغداي مايسىسىنىڭ ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، قىش كىرىشتىن بۇرۇن ساغلام مايسا يېتىشتۈرۈشكە ئاساس سالدى.

  نۆۋەتتە، بۇ شى، شەھەرنىڭ كۈزلۈك، قىشلىق تېرىلغۇ خىزمىتى ئارقا-ئارقىدىن باشلاندى، ھەر قايسى تۇەن-مەيدانلار ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرىدىن ۋاقتىدا پايدىلىنىپ، يەر تۈزلەپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تېرىشنى باشلىۋەتتى، ھازىرغىچە 60 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە كۈزگى بۇغداي تېرىلىپ، تېرىش پىلانىنىڭ %45 ى تاماملاندى.

بىڭتۇەن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى