تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز با لىڭجۈن خەۋىرى): يېقىندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شىسى باشئەگىم شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى باشئەگىم شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بازاردا سېتىلىۋاتقان كۆكتات، مېۋە- چېۋە، چارۋا- قۇش مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش قانۇنى، يىمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازاردا سېتىش سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسىدىكى بەلگىلىمە ۋە تەلەپ بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى.
بۇ يىل، باشئەگىم شەھىرى قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق تۈرلەردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتتى. سېتىش ھالقىسىدىكى يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈش ۋە تېز پرىيۇم قىلىش ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش پىلانىنى تۈزدى ۋە يولغا قويدى، كۆكتات، چارۋا- قۇش مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى ئاشۇردى، بايقالغان مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، تەۋەلىكىدىكى 19 يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى 108 قېتىم تەكشۈردى.
باشئەگىم شەھىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتى، ئىستېمال قاتارلىق ھالقىلاردا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، بىخەتەر، خاتىرجەم ئىستېمال مۇھىتى ياراتتى.
بىڭتۇەن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى