تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

باغۋەنلەرنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىندى  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇلدى

جەنۇبىي شىنجاڭدا خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش يولغا قويۇلدى

باغۋەنلەرنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىندى    نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

ھازىر دەل شىنجاڭدا ياڭاق سېتىۋېلىنىدىغان مەزگىل. 10- ئاينىڭ 21- كۈنى، خوتەن ناھىيەسى باغچى بازىرىنىڭ يېزىباغ كەنتىدىكى ئانا تۇپراق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش - سېتىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى جۈمەنىياز ياسىن ھېلىلا ئىمزالىغان «ياڭاق سېتىۋېلىش كېلىشىمى»نى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، چىرايىدىن خۇشاللىق جىلۋىلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ئەڭ تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىپ سېتىۋېلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ يىل ياڭاقنىڭ بازاردىكى سېتىش يوللىرىدىن ئەندىشە قىلمايدىغان بولدۇق.

بۇ يىل شىنجاڭنىڭ خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىشنى قوزغىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە كۈچ قوشتى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ، يول خەرىتىسىنى سىزىپ، ۋەزىپەنامىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى باغۋەنلەرگە «مول ھوسۇل سوۋغىسى» تەقدىم قىلدى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا، «شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش تورى» سېتىۋالغان، ساتقان، سودىلىشىشقا تۈرتكە بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 1 مىليون 200 مىڭ توننىدىن كۆپرەك بولۇپ، 4 مىليارد 740 مىليون يۈەن ئومۇمىي كىرىم ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 2018- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇق قاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «شىنجاڭ سىرتىدا سېتىش تورى»مۇ داۋاملىق تېز سۈرئەتتە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈردى.

«ئىككى تور» شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «ياخشى تېرىش، ياخشى ھوسۇل ئېلىش، ياخشى سېتىش»قا كۈچ قوشماقتا.

 «مول ھوسۇل سوۋغىسى» تەقدىم قىلىش

10- ئاينىڭ 21- كۈنى ئەتىگەندە، سوغۇق شامال ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. سائەت 7دىن ئەمدىلا ئاشقان بولسىمۇ، شىنجاڭ ياڭاق(خوتەن) توپ تارقىتىش سودا بازىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. لىق ياڭاق بېسىلغان دېھقانچىلىق ئاپتوموبىللىرى بىر - بىرلەپ ئامبارغا كىردى، ئاپتوموبىللارغا بېسىلغان ياڭاقلار ئۆچرەت بويىچە تارازىدىن ئۆتتى، تازىلاندى، ئامبارلارغا كىرگۈزۈلدى، سېتىۋېلىش مەيدانى ناھايىتى ئاۋات بولۇپ، باغۋەنلەرنىڭ خۇش چىرايلىرىدىن رازىمەنلىك ئەكس ئېتىپ تۇراتتى...

«بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش دەل ۋاقتىدا بولدى.» جۈمەنىيازنىڭ خۇشاللىق بىلەن سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ مەسئۇل بولغان ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 1080 مو ياڭاقلىقى بار بولۇپ، بۇلتۇر 500 توننىدىن ئارتۇق ياڭاق ساتقان ئىكەن، بۇ يىل ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بۇلتۇرقىدىن بىر يۈەندىن ئىككى يۈەنگىچە يۇقىرى بولۇپتۇ، كىرىمىنىڭ ئېشىشىدا گەپ يوق ئىكەن!

شىنجاڭ ياڭاق (خوتەن) توپ تارقىتىش سودا بازىرى بۇلتۇر 11- ئايدا تىجارەت باشلىغان. «شىركەت + كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى بويىچە، ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ياڭاق بازىسى قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلۇپ، ياڭاق پىششىقلاش كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى زورايتىلدى، ھازىرغىچە جەمئىي سېتىۋېلىنغان، پىششىقلانغان، سودا قىلىنغان ياڭاق 200 مىڭ توننىدىن، ياڭاق مېغىزى 35 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇندى.

«بىز خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ياڭاق سېتىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، قەشقەر، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭكىگە تەسىر كۆرسىتىپ، يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ياڭاق كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىدۇق» دېدى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى فۇ يەنجياڭ تونۇشتۇرۇپ.

شىنجاڭ مېۋە مەھسۇلاتلىرى(پەيزاۋات) توپ تارقىتىش سودا بازىرى بۇ يىل 7- ئايدا پەيزاۋات قوغۇنى مەركەزلىك بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇنلا تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، توردا، تور سىرتىدا سودا قىلىنغان پەيزاۋات قوغۇنى جەمئىي 180 مىڭ توننا بولۇپ، ئۆز ئالدىغا سېتىۋالغان، ساتقان قوغۇن 60 مىڭ توننىدىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، باليۇۋاڭ سورتىنىڭ سېتىۋېلىنىش باھاسى بۇلتۇرقى ھەر كىلوگىرامى ئوتتۇرىچە 2.5 يۈەندىن بۇ يىل تۆت يۈەنگە ئۆستى.

«بولۇپمۇ بۇ يىل بازار ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، پەيزاۋات غەينۇلىسىنىڭ باھاسى تۇراقسىز بولغان ئەھۋالدا، بىز پەيزاۋات ناھىيەسىدە ئون سېتىۋېلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، بازارنىڭ دەسلەپكى باھاسىغا ئاساسەن ھەر كىلوگىرامىنى 22.5 يۈەندىن سېتىۋېلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، غەينۇلا باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، دېھقانلارنىڭ غەينۇلا سېتىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدا مۇھىم رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق» دېدى فۇ يەنجياڭ.

قۇرۇلۇپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن سەككىز «شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش تورى» تۈرى بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە باشلامچىسى بولۇپ، ھەرقايسى چوڭ بازا، شىركەتلەر ھەمدە يېتەكلەيدىغان، ھەمكارلاشقان دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، كەنت قۇرغان زاۋۇتلارنى سېتىۋېلىش سۇبيېكتى قىلىپ، ھازىرغىچە مېۋىچىلىك گۇرۇھى 50 مىڭ توننىدىن ئارتۇق يېشىل پوستلۇق ياڭاق، 46 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئۆرۈكنى بازارغا تايىنىپ سېتىۋالدى، پىششىقلىدى، 60 مىڭ توننىدىن ئارتۇق قۇرۇق ياڭاقنى يىغىپ ساقلاپ، بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

 ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

ئوخشاش ياڭاق مېغىزى بولسىمۇ، ئاق رەڭلىكىنىڭ باھاسى سارغىيىپ، قارىداپ قالغىنىدىن تۆت ھەسسە قىممەت بولدى، بۇ قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شاخاپ يېزىسى تۈگمەنبېشى كەنتىدىكى ياڭاق تېرىش چوڭ ئائىلىسى ئابدۇقادىر ياسىننىڭ كۆزىنى ئاچتى، ئۇ توختىماي «پەن - تېخنىكا كۈچ ئىكەن!» دەپ ماختىدى.

بۇ يىل 9- ئايدا ياڭاق بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ياڭاق(قاغىلىق) توپ تارقىتىش سودا بازىرىنىڭ ياڭاق پىششىقلاش، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن ياڭاق مېغىزىنىڭ ئاق بولۇش نىسبىتى ئەسلىدىكى %25تىن %70تىن كۆپرەككە يېتىپ، پوستلۇق ياڭاقنىڭ سېتىۋېلىنىش باھاسى %25 ئۆستى.

«ئەنئەنىۋى ياڭاق ئاقلاش ئۇسۇلى دۆۋىلەپ چىرىتىپ، يېشىل پوستىنى قارىدىتىپ ئاقلاش ئىدى، بۇ خىل ئۇسۇلدا مېغىزى بۇلغىنىپ، شاكىلى قارا بولۇپ قېلىشى، مېغىزى سارغىيىپ، قارىداپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى، ياڭاقنى پاكىز، چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن يەنە خىمىيەلىك دورا بىلەن يۇيۇشقا توغرا كېلىپ، ئىككىلەمچى بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. بىز ياڭاق پوستىنى ئاقلاش لىنىيەسىدە تېخنىكا ئۆزگەرتىش، ئىلغار قاقلاپ قۇرۇتۇش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ياڭاقنىڭ تاۋارلىشىش نىسبىتى ۋە قوشۇلما قىممىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردۇق» دېدى فۇ يەنجياڭ.

مېۋىنى يېڭى پېتى ساقلاش، پىششىقلاش، تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە مېۋىچىلىك گۇرۇھى 70 نەچچە پىششىقلاش، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ، يېڭىدىن قۇرۇپ، كۈندىلىك پىششىقلاش ئىقتىدارىنى 8210 توننىغا، يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرىنىڭ سىغىمىنى 100 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى داۋاملىق ئۇزارتتى.

«شىركەت + كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى(كەنت قۇرغان زاۋۇت، دېھقان ۋاسىتىچى) + دېھقان ئائىلىسى» شەكلىدىكى گىرەلەشمە پايغا ئىگە بولۇش ۋە «زاكاز بويىچە سېتىۋېلىش + يەر ئوبوروتى + دېھقانلار ئەمگەك كۈچى چىقىرىش» شەكلىدىكى «خەۋپ - خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان، مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان» مەنپەئەت باغلاش مېخانىزمى بويىچە، مېۋىچىلىك گۇرۇھى يەنە ياڭاق، پەيزاۋات قوغۇنى، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمىسىدىن ئۈچنى، جەمئىيىتىدىن بىرنى باشلامچى بولۇپ قۇرۇپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 120 نەچچىگە پاي قوشۇپ، تۈرتكە بولۇپ، تارقاق، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنى چوڭ بازار بىلەن تۇتاشتۇردى، مېۋىچىلىك كەسپىنىڭ ئاددىي، كىچىك كۆلەملىك، تارقاق تېرىيدىغان، ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساتىدىغان بولۇشتىن، ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىيدىغان، پىششىقلايدىغان، ساتىدىغان، مۇلازىمەت بىر گەۋدىلەشكەن ئىگىلىككە قاراپ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

 مېۋىنى سېتىپ چىقىرىش    پۇل قولغا تېگىش

«مېۋىنى بۇياقتىن سېتىپلا، ئۇياقتىن پۇلىنى ئالدۇق، مېۋىنى ھەقىقەتەن خاتىرجەم ساتالىدۇق، ئازادە ساتالىدۇق.» جۈمەنىياز ياسىن شىنجاڭ ياڭاق(خوتەن) توپ سېتىش سودا بازىرىنىڭ سودا راسچوت رايونىدىن چىقىۋېتىپ خۇشال ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن 506 كىلوگىرام ياڭاق ساتتىم، پۇلنىڭ ھەممىسى كارتامغا كىرىپ بولدى، قاچان لازىم بولسا شۇ چاغدا ئالالايمەن، بىخەتەر ھەم قولايلىق ئىكەن».

مېۋىچىلىك گۇرۇھى مېۋىچىلىك بۆلىكىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى جيې مۇنداق دېدى: بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىشنىڭ يادروسى دېھقانلارنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سېتىۋالغان ھامان پۇل بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. ھازىر، مېۋىچىلىك گۇرۇھىمىز مەبلەغنى يېتەرلىك تەييارلاپ قويدى، «پۇل مېۋىنى ساقلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مېۋىچى دېھقانلارنىڭ «مېۋىنى سېتىپلا، پۇلنى قولغا ئېلىش»ىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئىگىلىنىشىچە، مېۋىچىلىك گۇرۇھى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرى بىرلەشمە كوپىراتىپى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1 مىليارد 700 مىليون يۈەن ۋە 5 مىليارد يۈەنلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش مەبلىغى ئىناۋەت سوممىسىغا ئېرىشكەن، ھازىر نەقلەشكەن 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش مەبلەغ ئېھتىياجىغا ئىشلىتىلىدىكەن. بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىشقا قاتناشقان تۈرلەر ئۆرۈك، ياڭاق، چىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

«بۇ يىل <ئىككى تور> قۇرۇلۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، شۇنداقلا بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش خىزمىتى باشلانغان تۇنجى يىل. چىلاندىن ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىرىشكە ئەگىشىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق خىزمەت پۈتۈن كۈچ بىلەن چىلاننى بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بولىدۇ» دېدى مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى يۈەن جېنتىڭ.

ھازىر، مېۋىچىلىك گۇرۇھى چاقىلىق ناھىيەسى بىلەن «چىلاننىڭ ئەلا سۈپەتلىكلىرىنى يۇقىرى باھادا بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش كېلىشىمى» ئىمزالىدى، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، پىششىقلاش مۇلازىمىتى تور نۇقتىسىنى كۆپەيتىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تور، تور سىرتى، يېزا ئىگىلىك ساياھىتىنى بىرىكتۈرۈش قاتارلىق كۆپ مەنبەلەشكەن سېتىش كەسپىنى قانات يايدۇرۇپ، باغۋەنچىلىكنىڭ پىششىقلاش ۋە سېتىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش كەسپىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ.

شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش تورى جەھەتتە ئەڭ ئاخىرقى بىر خوتەن چىلىنىنى ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاش، سودىلىشىش، يىغىش - تەقسىملەش مەركىزى جىددىي قۇرۇلۇۋاتىدۇ، بۇ يىل 10 - ئاينىڭ ئاخىرى چىلان مەركەزلىك بازارغا سېلىنىشتىن ئىلگىرى تولۇق پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى. شىنجاڭ سىرتىدا سېتىش تورى جەھەتتە 3800 سېتىش تور نۇقتىسى يېڭىدىن قۇرۇلدى، پۇختىلاندى، رېمونت قىلىندى. «<ئىككى تور>دا پۈتۈن يىلدا 1 مىليون 500 مىڭ توننىدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، سېتىش، سودىلىشىش پىلانلاندى، بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا كۈچ قوشىدۇ» دېدى يۈەن جېنتىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى