تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، بىرلا غەيرەت قىلىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى

نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، بىرلا غەيرەت قىلىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى    شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى. 6 - قېتىملىق دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بىزنىڭ نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، بىرلا غەيرەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئورتاق مەقسىتىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي تاماملاش كېرەك.

بىرىنچىدىن، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئەڭ چوڭ ئىش ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش داۋامىدا تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ئېغىر نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت قىيىن نۇقتىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامراتلار توپىنى نىشانلاپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گەۋدىلىك چەكلىمىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۇھىم، زور نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشى ۋە كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە بېرىپ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تۇتقا قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، مەنبەدىن يۆلەش، جىسمانىي جەھەتتىن يۆلەش، قەلب جەھەتتىن يۆلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، تەلەپكە توغرىلىنىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت بۇ تۆۋەن چەكنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» تەلىپىگە توغرىلىنىپ، نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاش، ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغانلار توپىدىن قول سېلىش، ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەردىن باشلاپ كۆزلەش، ئەڭ ئاجىز ھالقىدىن باشلاپ تۇتۇش قىلىش، دىققەتنى كەمتۈكلۈكلەرگە قارىتىپ، بايلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دەل جايىدا كۈچەپ، بىرمۇبىر تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. بىر قولدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتۇپ، بىر قولدا قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلچەمنى چىڭىتىپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت بۇ تەلەپنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. مەخسۇس تۈر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساھەلەر نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ نامراتلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت نامراتلارنى چوڭ يۆلەش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ماسلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، قاتتىق، ئەمەلىي، ھەقىقىي بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي قائىدىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى چوڭقۇر تۈزەپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ كاپالەتنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، «قوش گۇرۇپپا باشلىقى» تۈزۈمىنى ھەقىقىي تۇتۇپ، ئاپتونوم رايون باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇش، قاتلاممۇقاتلام بېسىم يەتكۈزۈش، قاتلاممۇقاتلام مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.