تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شىنجۈن خەۋىرى، فوتوسى) 10- ئاينىڭ 20- كۈنى، 2019- يىللىق ۋۇلىياڭ ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلەر ئامبولاتورىيەسى «ئوماقلار لوڭقىسى» بالا ھەۋەسكارلار پۇتبول پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خۇڭشەن تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە 12 يەسلىدىن كەلگەن 240 نەپەر كىچىك دوست پائالىيەتكە قاتناشتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ياش-ئۆسمۈرلەر باشقارمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبولچىلار جەمئىيىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ شىياڭيۆ تىيەندى تەنتەربىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالغان.
شۇ كۈنى مۇسابىقە مەيدانى سىرتىدىكى كۆرۈش سۇپىسىغا 1000دىن ئارتۇق تاماشىبىن ئورۇنلاشتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى، بوۋا-مومىلىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرى بولۇپ، مەدەت ئاۋازىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، «توپ ھەۋەسكارلىرى»نىڭ قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولدى.