تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كۈزدە نەشپۈت يېيىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى

     نەشپۈتنىڭ ئۈنۈمى ۋە رولى  

    خام يېيىش. نەشپۈت بىر خىل سوغۇققا مايىل مېۋە بولۇپ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ يۆتەلنى توختىتىش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە. كۈز ۋە قىشتىن ئىبارەت قۇرغاق پەسىلدە، نەشپۈت يېيىش ئەڭ ماس كېلىدۇ. «دورا ئۆسۈملۈكلىرى قامۇسى»دا خاتىرىلىنىشىچە، نەشپۈت ئىسسىق تۇتۇش كېسەللىكىنى داۋالاشقا ياردەم بېرىدىكەن، ئىسسىقنى پەسەيتىپ بەلغەمنى بوشىتىدىكەن ۋە ئۆپكىنى سىلىقلايدىكەن، كۈز، قىش پەسىللىرىدە تارقىلىدىغان نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇتقۇنچاق ئاغرىش، قۇرغاقلىشىش، قۇرۇق يۆتەل، ئۇسساش قاتارلىق مەنپىيلىك ئاجىزلىشىش ئالامەتلىرىنى كونكرېت پەسەيتىدىكەن.

  پىششىق يېيىش. نەشپۈتنىڭ تەبىئىتى سوغۇققا مايىل بولغاچقا، تال ۋە ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ، سوغۇقتىن بولغان زۇكام سەۋەبىدىن بولغان يۆتەل كىشىلەرمۇ خام نەشپۈت يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا نەشپۈتنى قاينىتىپ شورپا قىلىپ ياكى دۈملەپ پىشۇرغاندىن كېيىن، نەشپۈتنىڭ سوغۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەنلەيدۇ. نەشپۈتنى دۈملەپ پىشۇرغاندىن كېيىن ئوخشاشلا ئىسسىقنى قايتۇرۇپ يۆتەلنى توختىتىش، ئۆپكىنى سىلىقلاپ بەلغەمنى بوشىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر نەشپۈتنى دۈملەپ پىشۇرغاندا، باشقا دورىلىق يېمەكلىكلەر قوشۇلسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. لېكىن يەنىلا دىققەت قىلىش كېرەككى، تېنى ئاجىز، سوغۇقچان، ئاجىز كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى نەشپۈتنى ئاز يېيىشى كېرەك.

    پىششىق نەشپۈتنى نېمىلەرگە ماسلاشتۇرۇپ يېيىش كېرەك

  نەشپۈتنى پىشۇرۇپ يېگەندە، كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، دۈملەپ پىشۇرغاندا قوشۇلىدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللىسا بولىدۇ.

    نەشپۈت بىلەن قارا ئۆرۈكنى بىللە پىشۇرۇش. قۇرۇق يۆتەلگەن ۋاقتى ئۇزۇن ياكى يۆتىلى ئېغىرراق بىمارلار، قارائۆرۈك، چۈچۈكبۇيادىن 10 گىرام قوشۇپ، نەشپۈت بىلەن قاينىتىپ، پىشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن نەشپۈت شورپىسى ئىچسە بولىدۇ.

  قارا ئۆرۈكنىڭ تەمى چۈچۈمەل، چۈچۈكبۇيانىڭ تەمى تاتلىقراق بولۇپ، نەشپۈت بىلەن بىللە پىشۇرسا، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەپ ئۆپكىنى سىلىقلاپ يۆتەلنى توختىتىش رولى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. قارا ئۆرۈكنىڭ يەنە ئۆپكىنى قورۇپ يۆتەل توختىتىش رولى بار. قاينىتىلغان شورپىنىڭ تەمى تاتلىق، تەملىك بولۇپ، بالىلارنىڭ يېيىشىگىمۇ ناھايىتى ماس كېلىدۇ. مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەپ قۇرغاقلىقنى نەمدەپ، ئېغىز بوشلۇقى، بۇرۇن، كېكىردەك ۋە تېرە قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  سۇڭپىياز، سېڭجياڭ بىلەن نەشپۈتنى بىللە پىشۇرۇش. قىشتا ئادەم بەزىدە ئۆزىنى بىئارام ھېس قىلىدۇ، چۈنكى بۇ باسقۇچتا قۇرغاق، سوغۇق ھاۋا ئادەم بەدىنىگە كىرىپ قۇرۇق يۆتىلىش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا نەشپۈت سۈيى قاينىتىپ ئىچسەك بولىدۇ، قازانغا ئىككى-ئۈچ پارچە سېڭجياڭ، بەش - ئالتە تال سۇڭپىياز قوشۇپ بەش - ئالتە مىنۇت قاينىتىپ، بىر كۈندە بىردىن ئىككى قېتىمغىچە ئىچسە، سوغۇقنى ھەيدەش رولىنى ئوينايدۇ.

  چۈەنبېي(川贝)بىلەن نەشپۈتنى دۈملەش. نەشپۈتنى دۈملەش بىر خىل ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بولۇپ، ئادەتتە نەشپۈتنىڭ ئاستىنقى قىسمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى كېسىۋېتىپ، نەشپۈتنىڭ ئۆزەك قىسمىنى كولاپ چىقىرىۋېتىپ، قۇرۇق نەشپۈتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مېۋە كېسىپ پارچىلىنىدۇ. ئاندىن چۈەنبېي(川贝) تالقىنىنى(تەخمىنەن 3 گىرام ئەتراپىدىكىنى بىر تال نەشپۈتكە قوشۇپ) ناۋات بىلەن نەشپۈتكە سېلىپ، ئاندىن نەشپۈتنى قاسقانغا سېلىپ، ئوتتا تەخمىنەن 20 مىنۇت دۈملىگەندىن كېيىن يېيىشكە بولىدۇ، بۇنداق يېگەندە ئۆپكىنى سىلىقلاپلا قالماستىن، يەنە يۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىش رولىمۇ بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى