تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئۇزۇن ئولتۇرۇش ئەرلەر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ

  ھازىرقى جەمئىيەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشخانىدا، كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەرلەر ئۇزۇن ئولتۇرغاندا داس بوشلۇقىنىڭ ئاستىنقى قىسمى بېسىلىشقا ئۇچراپ، ساغلاملىقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ، بولۇپمۇ، تۆۋەندىكى زىيىنى ئەڭ چوڭ:  

  1. ئۇزۇن ئولتۇرغاندا داس بوشلۇقىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى قان ئايلىنىش ئاستىلاپ، داس بوشلۇقى ئاستىغا قان تولۇپ قالىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە بۇ قان ئۇيۇپ قېلىش دېيىلىدۇ، ئەمما ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى دەل چات ئارىلىقىغا جايلاشقان بولغاچقا، داس بوشلۇقىنىڭ تېگىگە ئەڭ يېقىن كېلىدۇ، بۇ مەزى بېزىدە داۋاملىق قان تولۇش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاسانلا مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چات ئارىلىق قىسمى كۆپۈپ ئاغرىش، سۈيدۈك يولى ئاقىرىش، ئاچىماق سىيىش، سۈيدۈكنى پاكىز چىقىرالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇن ئولتۇرغانلار كۆپ ھاللاردا ھاجەتخانىغا چىقىشنى ئۇنتۇپ، ۋاقتىدا كىچىك تەرەت قىلمايدىغان بولغاچقا، ئاسانلا سۈيدۈك تەتۈر ئايلىنىش كۆرۈلۈپ، مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  2. داس بوشلۇقىنىڭ قىسمەن ئايلانمىسىدا قان ئايلىنىش ئاستىلاپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، ئۇرۇقدانغا بەلگىلىك زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئۇرۇقدان باشقا قورساق بوشلۇقىدىكى ئەزالارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئېھتىياجلىق بولغان تېمپېراتۇرا باشقا ئەزالارنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدۇ، قىسمەن جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئۇرۇقداننىڭ ئىسپېرما ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ، ئىسپېرما ئازلاش، ئىسپېرما ئاجىزلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

  يۇقارقى ئىككى ئاساسلىق خەۋپتىن باشقا، ئۇزۇن ئولتۇرغانلاردا بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. كومپيۇتېر، كىتاب، تېلېۋىزور قاتارلىقلارغا ئۇزاق ۋاقىت تىكىلىپ تۇرغاندىمۇ چارچاش كۆرۈلىدۇ، بۇ جۇڭيى تېبابىتىدە جىگەرنى زەخملەندۈرۈپ قاننى خورىتىش دېيىلىدۇ.

  ئۇزاق ئولتۇرۇپ كېسەل بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشنىڭ ئاچقۇچى ئالدىنى ئېلىش، يەنى ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. مەيلى قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىڭ، ئادەتتە بىر سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرغان بولسىڭىز، ئاز دېگەندە 60 سېكۇنت ھەرىكەت قىلىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىڭىز كېرەك. ئەگەر بەل سوزۇپ، بەل ۋە ساغرىغا بىر نەچچە قېتىم مۇشتلىۋەتسەك ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  ئۇزۇن يوللۇق شوپۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەرىكەت قىلىش قولايسىز بولغان تەقدىردىمۇ، يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، پۇتنى مىدىرلاتماسلىق شەرتى ئاستىدا، ئىمكانقەدەر ساغرىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تولغاپ، قاننىڭ ئۇيۇپ قېلىش ئىمكانىيىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

  ئەگەر مەزى بېزى ياللۇغى ۋە ئىسپېرما ئاجىزلاش مەسىلىسى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك. جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى ماسلاشتۇرۇپ داۋالاش، توغرا دىياگنوز قويۇپ داۋالاش، جۇڭيى دورىسى، يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش، لوڭقا قويۇش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، زۆرۈر تېپىلغاندا غەربچە دورا بىلەن داۋالاشقا ماسلىشىش ھەمدە بىمارلارغا ساغلاملىق جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە يېتىش كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى