تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مېي خەۋىرى) يېقىندا، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى تامتوغراق بازىرى چۇماق كەنتى شورلۇق يەر كېۋەز سىناق ئېتىزىدا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى كېۋەزنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆلچىدى، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يەردىكى كېۋەزلىككە يەرنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش، تەڭشەش دورىسى ۋە مەخسۇس ئوغۇت ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، ھەر مو يەردىن ئېلىنغان ئوتتۇرىچە مەھسۇلات مىقدارى %8.8 ئاشقان، ھەر مو يەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 370 كىلوگىرامغا يېتىپ، ئالدىنقى يىللاردىكى كېۋەزنىڭ يەككە مەھسۇلات مىقدارى ۋە ئەتراپتىكى كېۋەزلىكلەرنىڭ يەككە مەھسۇلات مىقدارى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، يۇقىرى ھوسۇللۇق «چولپان» كېۋەزلىككە ئايلانغان.
پەن تەتقىقات خادىملىرى بۇ كەنتتە 100 مو شورلۇق يەرنى ئۇنىۋېرسال ياخشىلاش تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇپ، بۇ يەردىكى شورلۇق يەرنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى شۇنداقلا شوردىكى توسالغۇ ئامىللىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىتىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلغان، ھەمدە شۇ جايدىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ سۇغا، ئوغۇتقا ئېھتىياجلىق بولۇش قانۇنىيىتىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، شۇ يەردىكى زىرائەتلەرگە ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس ئوغۇتنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. «بۇ خىل مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئوغۇت ئادەتتىكى ئوغۇتلارغا سېلىشتۇرغاندا تەننەرخى تۆۋەن بولۇپ، تۇپراقنى ياخشىلىغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە كېۋەزنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى تۇپراق ۋە ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈش جەريانى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ دوتسېنتى يەن ئەن.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار ھەر خىل ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ تۇپراق سۈپىتىنى ياخشىلاش دورىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان، «بۇ خىل دورا ئاساسلىقى تۇپراقتىكى پارچىلىغىلى بولمايدىغان تۇزنى قاتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاكتىپلىقىنى چەكلەپ، زىرائەت قالدۇقىنى شورنىڭ چىرىتىشىدىن ساقلاپ، مۇقىم تۇپراق مۇھىتى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ خىل يەر سۈپىتىنى ياخشىلاش دورسى ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، كېۋەزنىڭ بىخ چىقىرىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئېشىپلا قالماي، يەنە ھەر مو يەردىن ئېلىنىدىغان كېۋەز مەھسۇلات مىقدارىمۇ 60 كىلوگرام ئەتراپىدا ئاشتى» دېدى يەن ئەن.
يېقىندا، بۇ تۈر مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىشىدىن ئۆتكەن، مۇتەخەسىسلەرنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ ئۆلچەش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تۈردە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى ھەر مو يەردىكى چىگىتلىك پاختىنىڭ مەھسۇلات مېقدارى 370 كىلوگرام بولۇپ، پىلاندىكى مەھسۇلات مىقدارىدىن 70 كىلوگرام ئاشقان.