تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى يەنىمۇ تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، كىشى قەلبىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان چاقىرىق، ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ تەنتەنىلىك جاكارلىنىشى بولۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلق ئاممىسىنى يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشقا قوزغىتىشتا مۇھىم، زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەشتىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئۇرغۇغان ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسى، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشكە تەتبىقلاشقا يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭىتىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈش كېرەك.

يىغىندا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەركەز 6- سەييارە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى سەييارە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشتا قايتما ئىنكاس قىلغان تەكلىپ - پىكىرلەر يەتكۈزۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە سەييارە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچى پىكرىگە ئاساسەن، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك. سۇبيېكتىپلىق مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول رەھبەر»نىڭ مەسئۇلىيىتىنى دەرىجىمۇدەرىجە چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېمىنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، سالماقنى ئاجىزلاشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي سۆلەتۋازلىق قىلماي، يۈزەكى ئىش قىلماي، يېڭىلىق يارىتىشقا قارىغۇلارچە ئىنتىلىش، شەكىلگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، شەكىلگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكتەك پائالىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قارىتا نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك بويىچە، «قايتا قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇرۇپ، نەتىجە - تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. خىزمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئىشلاردا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا 4- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايون بويىچە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار» ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى تەقدىرلەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى، قاراپ چىقىلدى.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.