تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

باشقا جايغا كۆچۈرۈش گۈزەل تۇرمۇشنى «كۆچۈرۈپ» كەلدى

قۇم دېڭىزىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى دەريا بويى −

باشقا جايغا كۆچۈرۈش گۈزەل تۇرمۇشنى «كۆچۈرۈپ» كەلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جىن چۈەن، ليۇ دۇڭلەي، پەرىزات

ئىككى قېتىملىق كۆچۈش، زامان - ماكاندىن ھالقىش. ئارىنى ئۇزاق يىللار ۋە تەكلىماكاندىكى پايانسىز قۇملۇق ئايرىپ تۇرغانىدى.

300 نەچچە يىل بۇرۇن، دەريا بويى يېزىسىدىكى ئەجدادلار تۇرمۇشنىڭ جەبر - جاپالىرىغا چىدىماي، كېرىيە دەرياسىنى بويلاپ قۇملۇقنىڭ كىندىك رايونىغا 200 كىلومېتىردىن كۆپرەك ئىچكىرىلەپ كىرىپ، دۇنيادىن ئايرىلىپ دېگۈدەك ياشاشقا باشلىغاندا، ئۇلار بەلكىم ئەۋلادلىرىنىڭ ئەينى يىللاردا كەلگەن يولنى بويلاپ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىن كۆچۈپ چىقىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن بولۇشى مۇمكىن. بىر كىرىش، بىر چىقىشنىڭ ئوخشاش بىر لوگىكىسى بار: تېخىمۇ گۈزەل ياشاش ماكانى ئىزدەش.

2019- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولدى. شۇ كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم 114 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ئەجدادلىرى ياشاپ كەلگەن قۇملۇقنىڭ كىندىك رايونىدىن ئايرىلىپ، ناھىيە بازىرىغا 91 كىلومېتىر كېلىدىغان، سۇ، توك يەتكۈزۈلگەن، يول تۇتاشتۇرۇلغان نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش - ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلدى.

دەريا بويى يېزىسىنىڭ كۆچۈرۈلۈشى بەلگە خاراكتېرگە ئىگە، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ «13- بەش يىل»دىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسى تاماملىنىپ، 159 مىڭ 100 كىشى يېڭى تۇرالغۇغا كۆچۈپ كىردى.

 قۇم دېڭىزىنىڭ ئىچكىرىسى بىلەن خوشلىشىش

19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى چەت ئەللىك ئېكسپېدىتسىيەچىلەر تۇنجى قېتىم دەريا بويى يېزىسىنى ئاشكارىلىغاندىن بۇيان، بۇ يەر سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كىشىلەر تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن بۇ يەرگە تۈرلۈك رومانتىك ھەم سىرلىق تۈس بەردى، بەزى كىشىلەر بۇ يەرگە «ئەڭ ئاخىرقى قۇملۇق قەبىلىسى» دەپ نام بەرسە، بەزى كىشىلەر «خىيالىي دۇنيا» دەپ قارىدى.

لېكىن بۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، يەنە قانداق بىر خىل ھاياتلىق كەچۈرمىشى بار؟

10- ئاينىڭ 14- كۈنى، مۇخبىرلار دەريا بويى يېزىسىنىڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن يولغا چىقىپ، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە يۈرۈپ كەتتى. دالا ئاپتوموبىلى دەريا يولى بىلەن قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا ئايلىنىپ مېڭىپ، يۇقىرى - تۆۋەنگە سىلكىنىپ، بەش سائەتكە يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىلگىرىكى يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايغا يېتىپ باردى. يېزىلىق ھۆكۈمەت ئەتراپىدا ئىلگىرى تەخمىنەن ئون نەچچە ئائىلىلىك، ئاددىي دۇكان ۋە ئاشخانا بولۇپ، پۈتۈن يېزىدىكى ئەڭ «ئاۋات» جاي ھېسابلىناتتى.

ئەتراپنى ئايلانغاندا، ھەممە يەر قېلىن ئۇششاق قۇم ۋە سېرىق توپا بولۇپ، دەسسىگەن ھامان كۆتۈرۈلگەن توپىدىن ئاياغ يۈزى توپا بولۇپ كېتەتتى. كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى يۇلغۇن ۋە قومۇشنى باغلاپ سېلىنغان بولۇپ، بەزى جايلىرىغا بىر قەۋەت نېپىز لاي سۇۋالغانىدى. بۇنداق «قوشاملىق ئۆي»نىڭ دېرىزىسى يوق بولۇپ، قۇياش نۇرى يوچۇقلاردىن چۈشۈپ تۇراتتى، قۇم - بورانمۇ تەبىئىيلا ئۇچۇپ كىرەتتى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىكى كاڭ يەر يۈزى بىلەن تەڭ بولۇپ، ئوتتۇرىدا تۆت چاسا شەكىللىك ئوتدان بار ئىدى، ئوت يېقىپ ئىسسىنىشقا ھەم شۇ يەردىكىلەر دائىم يەيدىغان يېمەكلىك − «كۆمەچ» (ئاددىي ئاتىلىشى «قۇم قوتۇرماچ»)نى پىشۇرۇشقا ئىشلىتىلەتتى.

يېزىدىكى مەكتەپ كۆچۈرۈلۈپ قۇرۇقدىلىنىپ قالغانىدى. بۇ باشلانغۇچ مەكتەپ پەقەت 3- يىللىققىچىلا بولۇپ، داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان بالىلار كېرىيە ناھىيە بازىرىغا بېرىپ مەكتەپتە قونۇپ ئوقۇشقا توغرا كېلەتتى، قىشلىق، يازلىق تەتىلدىلا ئۆيىگە قايتالايتتى.

بىر ئاھالىلەر تۇرالغۇسىدا، مۇخبىرلار بۇنىساخان مەمتىمىننى ئۇچراتتى. گەرچە يېڭى تۇرالغۇغا كۆچۈپ كىرگەن بولسىمۇ، ھازىر توشقانزەدىكى كولايدىغان پەسىل بولغاچقا، ئۇ ئېرى بىلەن ۋاقىتلىق قايتىپ كېلىپ بىرنەچچە كۈن تۇرغانىدى. ئۇ سۇنغان چاينى بىر ئوتلىغىنىمىزدا ئېغىزىمىزغا بىر خىل سۇس تۇزلۇق تەم تېتىدى − بۇ يەردىكى سۇنىڭ فىتور مىقدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. بۇنىساخاننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل سۇنى يىل بويى ئىچكەچكە، شۇ جايدىكى 40 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن بەل - پۇتلىرى ئاغرىيدىكەن، يول ماڭغاندا ئانچە تېز ماڭالمايدىكەن.

«ئازادلىقتىن بۇرۇن، مەن قوناق نېنىلا يەيتتىم، دۇنيادا ئاق ئۇن بارلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم، توك چىراغنى دېمەيلا قويايلى». يېزىدىكى ئەڭ ياشانغان، 99 ياشلىق مەتشا ئوسمان ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئازادلىقتىن كېيىن، بىزنىڭ تەقدىرىمىزدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. مەيلى قانچىلىك يىراق، قانچىلىك تارقاق جايدا تۇرايلى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بارلىق ئامال - چارىلەرنى قوللىنىپ بىزنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى».

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. 2002- يىلى يورۇقلۇق فوتوۋولت توكىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، دەريا بويى يېزىسى «شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى توكسىز يېزا» دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاپ، «ماي كۆيدۈرۈپ چىراغ ياقىدىغان» كۈنلەرگە خاتىمە بەردى. لېكىن قاتناش قولايسىز، تەبىئىي مۇھىت ناچار بولغاچقا، دەريا بويى يېزىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا يەنىلا كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن يېزىدىكى 363 ئائىلە، 1406 كىشى ئىچىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 272 ئائىلە، 1034 كىشى يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغانىدى.

«قۇملۇقنىڭ كىندىك رايونىدىن كۆچۈپ كەتمىسەك، دەريا بويى يېزىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى بوغما ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلىغىلى بولمايدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چاڭ - توزان بىلەن بىللە تۇرۇش، تۇزلۇق سۇ ئىچىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، گەرچە يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلمىسىمۇ، لېكىن مائارىپ، تۇرالغۇ، ئىچىدىغان سۇ، ئاساسىي داۋالىنىش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش تەس.» يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جيا سۈنپېڭ مۇنداق دېدى: دەريا بويى يېزىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، باشقا جايغا كۆچۈرۈش بىردىنبىر چىقىش يولى.

باشقا جايغا كۆچۈرۈشكە قارىتا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئويى بار ئىدى: ياشلار سىرتقى دۇنياغا تەلپۈنەتتى، سىرتقا چىقىشنى ئارزۇ قىلاتتى؛ بۇ يەردە نەچچە ئون يىل ياشىغان ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار تاشقى دۇنياغا ماسلىشالماسلىقتىن ئەنسىرەپ، يۇرتىدىن ئايرىلغۇسى كەلمەيتتى.

يەرلىكتىكىلەر دەريا بويى يېزىسىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەندىشىلىرىنى تۈگەتتى. ئالدى بىلەن 100دىن ئارتۇق ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى يېڭىباغ يېزىسى، جاي يېزىسى قاتارلىق جايلارغا كۆچۈرۈلدى، بۇلتۇر يەنە 102 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى يېڭىدىن قۇرۇلغان نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش - ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كىردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى كۆچۈرۈشتە، دەريا بويى يېزىسى ئەڭ ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك كۆچۈشنى تاماملىدى.

 گۈزەل يۇرت - ماكانغا كۆچۈپ كىرىش

10- ئاينىڭ 15- كۈنى، دەريا بويى يېزىسىنىڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش - ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، رەت - رەت ئىككى قەۋەتلىك كۈل رەڭ بىنالار ئىنتايىن چىرايلىق ئىدى، ئۆي جاھازلىرى بېسىلغان ماشىنىلارنىڭ بىنانىڭ ئالدىدا توختىغانلىقىنى پات - پات كۆرگىلى بولاتتى. كۆپ ساندىكى كىشىلەر كۆچۈپ كەلگىلى تېخى ئۇزاق بولمىغاچقا ئۆينى يىغىشتۇرۇپ بولالمىغان بولۇپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى ئۆي جاھازلىرى سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

بىرنەچچە ئائىلىگە خالىغانچە كىرسىڭىز، سافا، تېلېۋىزور ئىشكاپى، ساجى، كارىۋات «ئۆلچەملىك سەپلىمە» ئىدى، لېكىن پاسونى، رەڭگى بىر - بىرسىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. كەنت ئاھالىلىرىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن يېزا مەخسۇس سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ، ئوخشاش بولمىغان پاسوندىكى ئۆي جاھازلىرىنى شەھەردىن توشۇپ كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەق مەيداندا تاللىشىغا سۇندى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېڭى تۇرالغۇسىدا مۇخبىرلار ھەربىر ئائىلىدە ئۆلچەملىك ياتاققا ئوخشايدىغان بىر ئۆي بارلىقىنى بايقىدى. جيا سۈنپېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان پۇقراۋى قونالغۇ.

يېڭى مەكتەپتىكى بىر سىنىپتا، فۇجيەندىن كەلگەن لەن فاڭلياڭ بالىلارغا ئېلېكتىرونلۇق دوسكا ئارقىلىق دەرس ئۆتۈۋاتاتتى. ئۇنىڭغا ئوخشاش بۇ يەردە دەرس ئۆتىدىغانلاردىن يەنە گەنسۇ، خۇنەن، سىچۇەندىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار.

مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى رەيھانگۈل مەمتىمىننىڭ چىرايىدىن بەخت كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. كېرىيە ناھىيە بازىرىدىن كەلگەن بۇ قىز مەكتەپتە ئىشلەۋاتقىلى ئىككى يىل بولدى، ئېرى بىلەن يېزىدا تونۇشۇپ توي قىلغان بولۇپ، پات ئارىدا ئانا بولماقچى.

«بۇ يەرنىڭ سۈيىنىڭ سۈپىتى ياخشى، قىرتاق ئەمەس. شەھەرگە قايتىپ ئاتا - ئانامنى كۆرۈشۈمنىڭ قولايلاشقانلىقى مېنىڭ بەختىم.» سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە ئۇ ناھايىتى ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى: بۇلتۇر كۈزدە كۆچۈشتىن بۇرۇن، سىگنال مۇنارى بۇزۇلۇپ قالغانلىقتىن 15 كۈن سىگنال يوق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشەلمىگەن، ئايال ئوقۇتقۇچىلار تىت - تىت بولۇپ يىغلىشىپ كەتكەن. قىزلارنىڭ يىغلاپ توختىمىغانلىقىنى كۆرۈپ بەزلەپ بولالمىغان پېشقەدەم مەكتەپ مۇدىرى تەمتىرەپ كەتكەن: «ئالدىرىماڭلار، ئالدىرىماڭلار، مەن ھازىرلا چىقىپ ئۆيۈڭلاردىكىلەرگە ئامان - ئېسەن ئىكەنلىكىڭلارنى يەتكۈزىمەن».

شۇ كۈنى پېشقەدەم مەكتەپ مۇدىرى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى ئېلىپ، بىر پىكاپ بىلەن 200 نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ ناھىيە بازىرىغا بېرىپ، ھەربىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سىن كۆرۈنۈشىنى ئەۋەتىپ بەرگەن؛ ئەتىسى يەنە كېچىلەپ قايتىپ كېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى ئوقۇتقۇچىلارغا كۆرسەتكەندىن كېيىن، قىزلار كۆز يېشى قىلىپ كۈلۈشۈپ كەتكەن.

يېزىلىق شىپاخانىمۇ يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى باشقىچە مەنزىرە ئىدى. كېسەلخانا پاكىز، يورۇق بولۇپ، B چاۋ، شىنديەنتۇ ئەسۋابى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن.

«كونا شىپاخانىنىڭ شارائىتى ئاددىي بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېشى ئاغرىپ، قىزىپ قالسا دورا يېزىپ، ئوكۇل سېلىپلا قوياتتى، ئېغىرراق كېسەللەرنى ھېچقانداق قىلالمايتتى. كەنت ئاھالىلىرى تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، بىر قېتىم سەييارە كېسەل كۆرۈشكە ئاز دېگەندە ئون كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت كېتەتتى، تاڭ سۈزۈلگەندە يولغا چىقىپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە ئاندىن يېتىپ بارغىلى بولاتتى.» بۇرۇنقىنى ئەسلىگەندە 13 يىل خىزمەت قىلغان شىپاخانا باشلىقى زەينەپخان سىدىق قاتتىق خۇرسىندى.

59 ياشلىق باقى روزىنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلگىنىگە بىر يىل بولدى. پۇتى ئاغرىغانلىقتىن ئۇ ئەتىگەندىلا شىپاخانىغا كەلدى، زەينەپخان تەكشۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا دورا يېزىپ بەردى ھەم دورا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي تاپىلىدى.

«بۇرۇن بەل - پۇتلىرىمىز ئاغرىسا، قوينىڭ قۇيرۇق يېغىنى كۆيدۈرۈپ، ئاغرىغان يەرگە سۈرۈپ، قايتا - قايتا ئۇۋۇلاپ بېرەتتۇق؛ زۇكام بولۇپ گېلىمىز ئاغرىپ قالسا، بىر چىنە ئىسسىق قوي گۆشى شورپىسى ئىچەتتۇق.» بىر يىل بۇرۇن، باقىمۇ كۆچۈش ئىشىدا ئىككىلىنىپ قالغانىدى، ھازىر ئۇ يېڭى مۇھىتقا پۈتۈنلەي كۆندى، «شىپاخانا يېنىمىزدىلا، كېسەل كۆرسىتىش، دورا ئېلىشنىڭ ھەممىسى قولايلىق».

 بىپايان تەبىئەتكە قاراپ مېڭىش

زىيارەت داۋامىدا، مۇخبىرلار كەچۈرمىشلىرى ئوخشىمايدىغان بىرنەچچە ياشنى ئۇچراتتى، ئۇلار سىرتقا چىقىپ ئوقۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، يېزىدا «باشلامچى بولۇپ ماڭغۇچىلار»دىن بولۇپ قالغان.

26 ياشلىق ئەخەتجان زىياۋۇدۇن ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم كەنتتىن چىققاندىكى كەچۈرمىشىنى ئەسلىسىلا، يۈرىكى جىغىلداپ كېتەتتى. «بەك قىينالدۇق! 2003- يىلى مەن ئون ياشتا بولۇپ، 3- يىللىقنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئوقۇشۇمغا توغرا كەلدى. شۇ كۈنى بىز نەچچە ئون ئوقۇغۇچى يۈك ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، ئون نەچچە سائەت يول يۈردۇق. ھەممەيلەن ئاپتوموبىلدىمۇ ياندۇردۇق، چۈشۈپمۇ ياندۇردۇق، مەن ياتىقىمدا ئىككى كۈن يېتىپ ئاران ئەسلىمگە كېلەلىدىم».

«بىزنىڭ ئۇ يەردە ھەربىر ئائىلىلىكنىڭ ئارىلىقى بەك يىراق، ئادەملەر يېرىم بېكىنمە ھالەتتە ياشايدۇ.» ئەخەتجان كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ناھىيە بازىرىغا كېلىپ، مەن ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقى نېمىشقا بۇنچىلىك يېقىن بولىدۇ دەپ غەلىتىلىك ھېس قىلىپ، خېلى ئۇزاقتا كۆندۈم».

ھازىر ئەخەتجان ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىدىكەن. بۇ يىل ئاتا - ئانىسى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپتۇ، ئۇ بۇ ئىككى كۈندە ئاتا - ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن ئالاھىدە رۇخسەت سوراپ كەلگەن ئىكەن. «ئوقۇمىغان بولسام، قۇملۇقتىن چىقمىغان بولسام، ھازىرقى تۇرمۇشۇممۇ بولمايتتى» دېدى ئەخەتجان.

24 ياشلىق قۇربانخان مەتروزى بۇلتۇر شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، يېزىدىكى بىرىنچى بولۇپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى. ھازىر ئۇنىڭ سالاھىيىتى يېزا ساياھىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى.

«يېڭى ئوقۇش پۈتكۈزگەندە، مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانىدىم، بىراق تۆت نومۇر كەم قېلىپ ئۆتەلمىدىم.» قۇربانخاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يېزىدىكى تۇنجى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بالىلىرىغا تەربىيە بېرىشىدىكى ئۈلگە بولۇپ قالغان، شۇڭا ئەينى چاغدا بېسىم كۈچلۈك ئىدى. مۇشۇنداق چاغدا، يېزا رەھبىرى ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش توغرىسىدا مەدەت بەرگەن ھەم ئۇنىڭ ساياھەت ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلغان.

مۇشۇ ئىشەنچ بولغاچقا، قۇربانخان باتۇرلۇق بىلەن خىرىسنى قوبۇل قىلغان. ھازىر ساياھەت ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋىۋىسكا ئېسىپ تىجارەت باشلاپتۇ.

بۇ يىل يېزىدىن سەككىز بالا ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى، ھۆكۈمەتتىن شىنجاڭ سىرتىدا ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەربىرىگە ھەر يىلى 6000 يۈەندىن ياردەم پۇلى، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەربىرىگە ھەر يىلى 3000 يۈەندىن ياردەم پۇلى بېرىدىغان بولدى. ھازىر يېزىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئومۇمىي سانى 32 ئادەمگە يەتتى.

زىيارەت قىلىش يولىدا، مۇخبىرلار مال بېقىۋاتقان كەنت ئاھالىسى بىيىشخان تۇردىنى ئۇچراتتى، سوراش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بىر ئوغلىنىڭ فۇجوۋدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلدى.

«ئوغلۇم دائىم ماڭا ئىچكىرى رايونلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ، مەن ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن.» بىيىشخان مۇنداق دېدى: «مەن دائىم ئوغلۇمغا پارتىيەنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى بولۇپ كەتتى، بولمىسا سەن قۇملۇقتىن چىقالمايتتىڭ. جەزمەن ياخشى قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈپ، دۆلەتكە ياراملىق ئادەم بولغىن دەيمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى