تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يېشىللىق بىلەن كۆپ ئۇچراشقان ئاياللار كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە كېچىكىپ كىرىدىكەن

    تىيانشان تورى خەۋىرى:  ياۋروپادىكى كۆپ دۆلەت تەتقىقاتچىلىرى قاتناشقان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۇرالغۇسى ئەتراپىدا يېشىللىق كۆپ بولغان ئاياللارنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە كىرىشى باشقا ئاياللارغا قارىغاندا بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا كىيىن بولىدىكەن.

    بۇ تەتقىقاتقا نورۋېگىيە بېرگېن داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى باش بولغان، ئۇلار ئىسپانىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، ئەنگلىيە، شۋېتسىيە، ئېستونىيە ۋە نورۋېگىيەدىن ئىبارەت بىر قانچە دۆلەتتىكى 1955 ئايالنىڭ 20 يىلدىن ئاشقان ساغلاملىق سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىپ، سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتى ئارقىلىق باھالانغان تۇرالغۇ ئەتراپىدىكى كۆكەرتىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرىقى يەكۈننى چىقارغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، تۇرالغۇسى ئەتراپىدىكى 300 مېتىر دائىرىدە يېشىللىق كۆپ بولغان ئاياللارنىڭ كېلىماكتېرىيە دەۋرىگە كىرىش ئوتتۇرىچە يېشى 51.7 بولغان، تۇرالغۇسى ئەتراپىدا يېشىللىق ئەڭ ئاز بولغان ئاياللارنىڭ كېلىماكتېرىيە دەۋرىگە كىرىش ئوتتۇرىچە يېشى 50.3 بولغان.

    تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يېشىللىق بىلەن كىلىماكتىرىيە دەۋرىنىڭ باغلىنىشلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىلگەن تۇنجى بىر تۈرلۈك تەتقىقات بولۇپ، «كەڭ ئەھمىيەتكە ئىگە» ئىكەن، چۈنكى كىلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ كېچىكىشى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش بىلەن باغلىنىشلىق، شۇنداقلا يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ياكى سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن باشلىنىشلىق ئىكەن.

    ئىلگىرىكى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، يېشىللىق بىلەن كۆپ ئۇچرىشىش كورتىكوستېرول سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ئېسترىئول سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كىلىماكتېرىيە دەۋرىنى كېچىكتۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى