تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ياشانغانلار كۈتۈنۈشىدىكى مۇھىم ھالقىلار

  تاماق يەپ بولۇپ يېرىم سائەتتىن كېيىن چىش چوتكىلاش

  تاماق يەپ بولۇپلا چىش چوتكىلاش چىش ساغلاملىقىغا زىيانلىق، چۈنكى چىش تاجىسىنىڭ سىرتقى قىسمىدا بىر قەۋەت چىش ئىمال ماددىسى بار بولۇپ، تاماق يەپ بولۇپلا، بولۇپمۇ كىسلاتالىقى يۇقىرى يېمەكلىكنى يېگەندىن كېيىن، چىش ئىمال ماددىسى بوشاپ كېتىدۇ. تاماقتىن كېيىن دەرھال چىش چوتكىلىغاندا چىش ئىمال ماددىسى زىيانغا ئۇچرايدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چىشنىڭ ئىمال ماددىسى بارغانسېرى ئازىيىپ، چىش ماددىسى زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېمەكلىك يېگەندە چىشنى يەل تارتىپ، ئاغرىيدۇ. شۇڭا ياشانغانلار تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئاۋۋال ئېغىز چايقاپ، يېرىم سائەتتىن كېيىن چىش چوتكىلاش كېرەك.

  تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلاشتا تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك. 1) يۇمشاق چوتكا ئىشلىتىش؛ 2) تەركىبىدە فىتور بولغان چىش پاستىسى ئىشلىتىش، فتور ئىئونى ئېمال ماددىسىنىڭ كىسلاتاغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ؛ 3) بەك كۈچەپ چوتكىلاشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ 4) چىش چوتكىلاش ۋاقتى بەك قىسقا بولماسلىقى، ئاز دېگەندە ئۈچ مىنۇت چوتكىلاش كېرەك. چىشنىڭ ھەممە يېرىنى چوتكىلاش، بىرلا تەرەپنى چوتكىلاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  تاماق يەپ بولۇپ بىر سائەتتىن كېيىن پىيادە مېڭىش كېرەك

  تاماقتىن كېيىن پىيادە مېڭىش ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەپەسلىنىش سىستېمىسىنى ياخشىلايدۇ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، روھىي ھالەتنى تەڭشەيدۇ، لېكىن تاماق يەپ بولۇپ يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ئارام ئېلىپ ئاندىن پىيادە مېڭىش كېرەك. ئەمما پىيادە مېڭىشتىن ئىلگىرى قول ئالقىنىنى بىر بىرىگە سۈركەش، بىلەكنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پەي سوزۇش دېگەندەك ئاددىي بەدەن قىزىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەش كېرەك. پىيادە مېڭىش شەكلىمۇ ئىنتايىن مۇھىم، باشنى كۆتۈرۈپ مەيدىنى تىك تۇتۇپ مېڭىش، مەيدە قىسىمىنىڭ بېسىلىپ، يۈرەك ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، قەدەمنى چوڭ ئېلىپ مېڭىشتىن، بەك تېز مېڭىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئېگىز-پەس ۋە تار كوچىلاردا ماڭماسلىق ياكى قولنى كەينىگە قىلىپ ماڭماسلىق كېرەك.

  پىيادە مېڭىش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن 40 مىنۇتقىچە بولسا بولىدۇ، بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئەگەر بىئاراملىق ھېس قىلسا تېزدىن ئارام ئېلىش كېرەك.

  كەچ سائەت 9:00 پۇت چىلايدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت

  ئوخشىمىغان ۋاقىتتا پۇت چىلاشنىڭ رولىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئەگەر بۆرەكنى ئاسرىماقچى بولسىڭىز، كەچ سائەت 9:00 ئەتراپىدا پۇت چىلىشىڭىز كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بۆرەكتىن ئۆتىدىغان قان ئاجىز بولۇپ، بۇ چاغدا پۇت چىلىغاندا، بەدەندىكى ئىسسىقلىق مىقدارى ئېشىپ، بەدەندىكى قان-تومۇرلار كېڭىيىپ، قاننىڭ جانلىنىشىغا پايدىلىق، بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈندۈزى بىر كۈن كېڭەيگەن نېرۋىلار پۇت چىلاش ئارقىلىق راھەتلىنىدۇ.

  پۇتنى چىلايدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃40 - ℃45قىچە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى