تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شېنجېن شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىئانە قىلدى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى شېنجېن 10-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى (لى شياۋلىڭ، خۇاڭ زىيۈن خەۋىرى): شېنجېن شەھىرىدىكى 38 داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كارخانىسى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى سەككىز داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتىغا 14 مىليون 550 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى داۋالاش ئۈسكۈنىسى ۋە ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلدى.

   شېنجېننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن شېنجېن شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، شېنجېن شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، شېنجېن شەھەرلىك داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كەسپىي جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، قەشقەر ۋىلايىتىگە ئاساسلىقى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك رەڭلىك B چاۋ، نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى قاتارلىقلار ئىئانە قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 10 مىليون يۈەن كېلىدىغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ماددىي ئەشيالار قەشقەرگە يەتكۈزۈلگەن. 

   شېنجېن شەھەرلىك داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ بىن مۇنداق دېدى: «داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى دۆلەتنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە پائال سەپەرۋەر قىلىپ، ياردەمگە ئېھتىياجلىق نامرات رايونلارنى، چەت، يىراق تاغلىق رايونلارنى ئاممىۋى پاراۋانلىق ياردىمى  پائالىيىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.»

   شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتىكى تەرەققىيات سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى ئەمەس، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى تەس، كېسەل كۆرسىتىشى يىراق بولۇش مەسىلىسى بىر قەدەر ئېغىر. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شېنجېن شەھىرى 300 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 39 تۈركۈمدە جەمئىي 337 نەپەر سەھىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىر، ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭ قەشقەرگە، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە ئەۋەتىپ، سەھىيە، ساغلاملىق ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى