كاشتان قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر تۈرىگە تەۋە، لېكىن ئۇنىڭ تەركىبىدە ياڭاق، ئورمان ياڭىقى، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرگە ئوخشاش مول ياغ مىقدارى يوق، ئەمما كراخمال مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى. لېكىن بەزى جەھەتلەردە كاشتاننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاشلىقتىن يۇقىرى تۇرىدۇ، مەسىلەن: ۋىتامىن B 1، ۋىتامىن B 2، ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى يۇقىرى. كاشتان تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلارمۇ ناھايىتى مول، مەسىلەن: كالىي، ماگنىي، تۆمۈر، سىنىك، مانگان قاتارلىقلار ئالما، نەشپۈت قاتارلىق ئادەتتىكى مېۋىلەردىن كۆپ يۇقىرى، بولۇپمۇ كالىي ئېلېمېنتىنىڭ مىقدارى يۇقىرى.
كاشتاننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى گەرچە ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك، بىر قېتىمدا بەك كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ، بولمىسا قورساقنى كۆپتۈرۈۋېتىدۇ، كۈندە ئالتە-يەتتە تال يېسىلا بولىدۇ، تاماقتىن كېيىن كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى