تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى 4 مىليون تۈپتىن ئارتۇق زاپاس كۆچەتنى كۈزلۈك كۆكەرتىشكە ئىشلەتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى ( مۇخبىرىمىز فېي شۈەن خەۋىرى): بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆچەت يېتىشتۈرۈش مەيدانى 60 نەچچە خىل غوللۇق دەرەخ، 4 مىليون تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت تەييارلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۈزلۈك كۆكەرتىشىگە مۇلازىمەت قىلىپ، كۆكەرتىش مەنزىرىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

  10-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆچەت يېتىشتۈرۈش مەيدانىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق كۆكەرتىش قۇرۇلۇش تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان، %60 كۆچەتنى زاپاس ساقلاش ۋە كۆچەت بىلەن تەمىنلەش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل بۇ يەردە كۈزلۈك كۆكەرتىش ئۈچۈن 4 مىليون تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت يېتىشتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە غوللۇق دەرەخ 50 نەچچە خىل، چاتقال 10 نەچچە خىل.

  ئىگىلىنىشىچە، كۈز پەسلىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەن، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى ئاز بولغاچقا، تۇپراقنىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، كۆچەت تىكىشكە ماس كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆچەت ئۇيقۇ مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن، كۆچەت بىلەن تۇپراق زىچ بىرلەشتۈرۈلىدىكەن، بۇ پەسىلدە يېشىللاشتۇرۇش سۇغىرىش مىقدارىنى تېجەپلا قالماي، كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىمۇ ئەتىيازدىكىدىن % 5تىن % 10كىچە يۇقىرى بولىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى (شەھەرلىك باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى) خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «دەرەخلىك بەرپا قىلىش» تۈرىدە 20 مىڭ مو يەرنى كۆكەرتىش پىلانلانغان، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 9960 مو يەر كۆكەرتىلىپ، 802 مىڭ تۈپ غوللۇق دەرەخ تىكىلگەن. ھازىر، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «دەرەخلىك بەرپا قىلىش» تۈرى بويىچە كۈزلۈك كۆكەرتىش خىزمىتى ئارقا - ئارقىدىن باشلانغان، بۇ يىل كۈز پەسلىدە تاماملاش پىلانلانغان 10 مىڭ 40 مو كۆكەرتىش ۋەزىپىسى ئىچىدە، تىيانشان رايونىنىڭ 4500 مو، سايباغ رايونىنىڭ 3440 مو، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ (تۇدۇڭخابا رايونى) 2000 مو، مىچۇەن-دۇڭسەن رايونىنىڭ 100 مو ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى