تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جېڭ يىيۇەن خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن تەنتەربىيە مەركىزى باشقىچىلا قىزىپ كەتتى، 2019-يىللىق ۋۇلياڭ ئېغىز بوشلۇقى «ئوماقلار لوڭقىسى» بالىلار قىزىقارلىق پۇتبول پائالىيىتى دەل مۇشۇ جايدا ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن شەھەردىكى 12 يەسلىدىن كەلگەن 240 نەپەر كىچىك دوست پائالىيەتكە قاتناشتى، شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى سۈن جىخەي ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق تەرنتەربىيە ئىدارىسى ياش-ئۆسمۈرلەر باشقارمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبولچىلار جەمئىيىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ شياڭيۆ تيەندى تەنتەربىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.
ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ياش-ئۆسمۈرلەر باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى شياۋ شىنگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ياش-ئۆسمۈرلەر باشقارمىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بالىلار پۇتبولچىلىقى بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويدى، تەربىيەلەش جەريانىدا، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە بىنائەن، بۇ قېتىمقى پائالىيەت قانات يايدۇرۇلدى، پائالىيەت ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئىرادە پەزىلىتى چېنىقتۇرۇلدى ھەمدە تەن ساپاسى ئۆستۈرۈلدى. شۇنىڭدەك بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى چىم مەيدانغا باشلاپ كېلىپ، «كۈچلۈك ئۆسمۈر، كۈچلۈك جۇڭگو»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز.