تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۈنسېرى ئاشتى

كەلپىن ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇساتتار ئابلىز

مەن كەلپىندە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، كىچىك ۋاقتىمدا ئائىلىمىز ۋە قوشنىلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرى كېسەك تاملىق ئۆي ئىدى، ماڭىدىغان يولىمىزنىڭ ھەممىسى توپىلىق يول ئىدى. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا يەيدىغىنىم زاغرا نان، ئىچىدىغىنىم قىرتاق تۇزلۇق سۇ بولۇپ، يازدا مەكتەپكە يالاڭ ئاياغ باراتتىم. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەلىشىدە، مەن ئىمتىھان بېرىپ داشۆگە ئۆتۈپ، بۈگۈنكى خىزمەت ئورنىغا ئېرىشتىم. شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەشكىلنىڭ تەربىيەلىشى بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمايتتى.

نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، مەن پارتىيەنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم: كېسەك تاملىق ئۆيدە ئولتۇرۇشتىن ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇشقىچە، توپا - چاڭ كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان توپىلىق يوللاردىن ھازىرقى ھەممە كەنتلەرگە ئاسفالت يول تۇتاشتۇرۇشقىچە، تېلېۋىزور كۆرەلمەسلىكتىن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى، ھەتتا تور تېلېۋىزىيەسىگىچە، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇشتىن ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشكىچە... ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۈنسېرى ئاشتى.

شىنجاڭدا بۈگۈنكىدەك بۇنداق مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد گۈللەنگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنىڭ بولۇشى − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بىزنىڭ كەلپىندىمۇ ھەرقايسى جايلارغا ئوخشاش غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، تۇرالغۇ، يوللارنىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلاندى، قاتار - قاتار يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەر قۇرۇلدى، كەنتتە ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش، چېنىقىش ئەسلىھەلىرى بار بولدى، كەنت ئاھالىلىرى خاتىرجەم سۇ ئىچەلەيدىغان بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدىغان ئىشلار ئىدى، ھازىر ھەممىسى رېئاللىققا ئايلاندى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت مۇقىم بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ قۇرۇلۇش قىلىشقا يېتەكلىدى، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ، تۈرلۈك ئىشلار كۈندىن - كۈنگە يۈكسەلدى، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كەلگۈسىمىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن شۇنى چوڭقۇر چۈشەندىمكى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جېنى، كۈچى، ئۈمىدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بولمىسا، دۆلەتنىڭ خاتىرجەملىكى بولمايدۇ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بارغىلىمۇ بولمايدۇ. پەقەت قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا، تۇرمۇشىمىز ئاندىن بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، شىنجاڭ ئاندىن بارغانسېرى گۈزەل، باي بولىدۇ.

مەن يۇرتۇمنى قىزغىن سۆيىمەن، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ھەر مىللەت خەلق ئورتاق كۈرەش قىلىۋاتقان مۇنبەت تۇپراقنى سۆيىمەن. مەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى