ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش تەشەببۇسنامىسى چىقاردى
مېھىر - مۇھەببەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كۈچى بىلەن تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى ئىللىتايلى
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى «دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش تەشەببۇسنامىسى» چىقىرىپ، پۈتۈن جەمئىيەتكە: «قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى يۆلەش ئورتاق قاتنىشىش»تەك ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، ئالاقە تورى+ئۇسۇلى ئارقىلىق، پۈتۈن جەمئىيەت چوڭقۇر قاتلام، كۆپ نۇقتىدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئالغا سىلجىتىش قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، مېھىر - مۇھەببەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كۈچى بىلەن تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى ئىللىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
«تەشەببۇسنامە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چۆرىدەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىرنى زىچ بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل، ئېغىر، ۋەزىيەت يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن، قىيىنچىلىق يەنىلا ئىنتايىن زور. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يەنە يېزىلاردىكى 817 مىڭ 100 نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلمىدى، 1537 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقمىدى، 22 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقى چۆرۈپ تاشلانمىدى.
«تەشەببۇسنامە»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامراتلىقنى تۈگىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئورتاق بېيىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، پارتىيەمىزنىڭ مۇھىم بۇرچى. 2020- يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامرات ئاھالىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جەمئىيەتتىكى بايلىقلارنى توپلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى قوزغاشقا توغرا كېلىدۇ.
«تەشەببۇسنامە»دە مۇنداق مۇراجىئەت قىلىندى: جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى يۆلەشتەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش تورى (تور ئادرېسى: https://www.zgshfp.com.cn)غا چىقىپ ياكى «جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش APP»سىنى چۈشۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئېھتىياجى بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايدىغان ئېتىقادى، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدىغان جاسارىتى، تامچە سۇ تاشنى تېشىدىغان غەيرىتى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.