تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

10- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو تىيانشان رايونى ئىتتىپاق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى خۇاڭچېڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى يۈسۈپجان تۇراقنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ۋە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۈي خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنە يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تىيانشان رايونى ئىتتىپاق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى خۇاڭچېڭ مەھەللىسىدە، چېن چۈەنگو مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشى، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: تەربىيەنى ئوچۇق - ئاشكارا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىدىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىنچىكە، نازۇك ئورۇنلارغا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئامما ئەڭ ئالدىراۋاتقان، ئەڭ غەم قىلىۋاتقان، ئەڭ ئارزۇ قىلىۋاتقان تەخىرسىز مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو پەرھات ئەخمەت ۋە يۈسۈپجان تۇراقتىن ئىبارەت ئىككى ئاھالىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇلار بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، مۇڭدىشىپ، ئائىلە تۇرمۇشى، كىرىم مەنبەسى ۋە تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو ئۇلارنى تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، ئائىلىسىنى ياخشى گۈللەندۈرۈپ، پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئاتا - ئانىلىرىغا ياخشى ۋاپادارلىق كۆرسىتىپ، كۈنلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى!

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدە، چېن چۈەنگو قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش خىزمىتىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، بىرىنچى سەپتە پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى ۋە سىياسىي - قانۇن كادىرلىرىنى يوقلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى داۋاندىن ئېشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان يېڭى باسقۇچقا كىردى، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، چوڭقۇر قېزىپ، تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، سىجىل كۈچەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۆنىلىشتىن ئېغىپ كەتمەي، رەسمىيەتچىلىك قىلماي، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو يەنە ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ شىمالىي رايون سانائەت باغچىسى رايونى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جىلغىسىغا كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭىلىق يارىتىش كارخانىنىڭ جېنى. كەسىپ ئالدىنقى سېپىنى نىشانلاپ، سېلىنمىنى سىجىل زورايتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئېگىزلىك نۇقتىسىنى ئىگىلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق كۆرسەتتى: 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچەش نۇقتىسىنى ياخشى ئىگىلەپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەزىپە، تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ياخشى ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «شەكىل»گە ئەھمىيەت بېرىپ، «ئەمەلىي بولۇش»قا ئەھمىيەت بەرمەسلىكنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراش، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، ئېتى ئۇلۇغ، سۇپۇرىسى قۇرۇق بولۇشتەك ئاتالمىش «يېڭىلىق يارىتىش»قا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ھاسىلات بولۇش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇشتا ئۈلگە بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.