تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بۇ يىل قىشتا قاناسقا بىۋاسىتە ئۇچۇپ بېرىپ قىش مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ

    مۇخبىر ما يىنىڭنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ، قاناس ئايرودۇرۇمى قىشتىمۇ نورمال ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە يىل بويى قاتناش ئۈزۈلمەسلىكنى يولغا قويىدىكەن.

   قاناس ئايرودۇرۇمى 2006- يىلى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان ھەر يىلى 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن 10- ئاينىڭ باشلىرىغىچە ئېچىلىپ، پەسىل تىپىدىكى ئايرودروم قىلىنىپ كەلگەن. قاناسنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قىشلىق ئاۋىياتسىيەگە بولغان ئېھتىياجمۇ بارغانسىرى ئاشتى، شۇ سەۋەبتىن بۇ يىلدىن باشلاپ قاناس ئايرودۇرۇمىدا يىل بويى قاتناش ئۈزۈلمەسلىك يولغا قويۇلۇپ، قىشلىق ساياھەت ئارزۇسى بار بارلىق ساياھەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ قولاي تاللىشى بار بولدى، ئۇلار قاناسقا بىۋاسىتە ئۇچۇپ بېرىپ، قار - مۇز ساياھىتىدىن ھۇزۇرلىنالايدىغان بولدى.

   بۇ يىل يازدا، قاناس ئايرودۇرۇمىدا كۈندىلىك ئاۋىياتسىيە مىقدارى 13 قېتىم 26 نۆۋەتچى ئايروپىلانغا يەتتى، ئايرودرومنىڭ ئاۋىياتسىيە نۇقتىسىمۇ ئەسلىدىكى ئۈچتىن سەككىزگە كۆپەيدى، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى، كورلا، قاراماي، بورتالا، ئالتاي، تۇرپان، كۆكتوقاي، شىئەندىن ئىبارەت.

شىنجاڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى