تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

[شىنجاڭ مەنزىرىسى] كۈنەس ناھىيەسى كۈنەس دەرياسى بويىدىكى رەڭگارەڭ مەنزىرە كىشىنى مەستخۇش قىلىدۇ

    تىيانشان تورى خەۋىرى (تەكلىپلىك مۇخبىر ياڭ شياۋچيەن خەۋىرى، فوتوسى)  ئالتۇن كۈز 10-ئايدا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيەسى نارات يايلىقىدىكى كۈنەس دەرياسى بويىدا رەڭگارەڭ مەنزىرە بارلىققا كەلدى، دەريا بويىدىكى كۆپ قىسىم دەل-دەرەخلەر «ئالتۇن رەڭلىك لىباس» كىيگەنىدى، پەقەت قارىغاي، ئارچىلارلا يىل بويى ياپيېشىل تۇراتتى، يايلاقتىكى ئوت-چۆپلەرمۇ سارغايغان بولۇپ، ئۇيەر-بۇيەرلىرى يەنىلا يېشىل ئىدى، پادىچىلار ئات، كالا، قويلىرىنى كۆپكۆك سۇلار ئېقىۋاتقان دەريا بويىدا بەھۇزۇر يايلىتىپ يۈرەتتى، پادىچىنىڭ ناخشىسىغا جور بولغان گۈزەل يايلاق بىر پارچە سۈرەتتەك كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.


   

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى