تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كارىۋات تاللاش ئۇيقۇغا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ

     ئەگەر سىز كارىۋات تاللايدىغان ئادەم بولسىڭىز، ساياھەتكە ياكى كاماندىروپكىغا چىققاندا، ئۇخلاش ئەڭ ئازابلىق ئىش بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىنىڭ كاتتا كارىۋېتىدا ياتسىڭىزمۇ، ئۆيىڭىزدىكى كىچىك كارىۋېتىڭىزنى سېغىنىپ، تولا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايسىز. ئۇنداقتا، ئادەم قانداق قىلغاندا كارىۋات تاللايدىغان بولۇپ قالىدۇ؟

    بەزى قۇشلاردا ۋە دېڭىز-ئوكيانلاردىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا «بىر تەرەپلىك مېڭە يېرىم شارى ئۇخلاش» ئالامىتى بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ يېرىم چوڭ مېڭىسى سەگەك ھالىتىدە تۇرىدىكەن ھەمدە بىر كۆزى ئەترەپ مۇھىتىنى كۈزىتىدىكەن، قالغان يېرىم چوڭ مېڭىسى ئۇخلاش ھالىتىدە بولىدىكەن.  ئالىملار بۇنى بىر خىل مۇداپىئە مىخانىزمى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان، مېڭە يېرىم شارى ئەتراپىدىكى يوشۇرۇن تەھدىتنى كۈزەتسە، يېرىم مېڭە شارى دەم ئالىدىكەن. ئۇنداقتا، ناتونۇش مۇھىتقا كەلگەندە ئادەملەردىمۇ «بىر تەرەپلىك مېڭە يېرىم شارى ئۇخلاش» ئالامىتى بولامدىغاندۇ؟ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ناتونۇش مۇھىتتا ئۇخلىغاندا، بەزى كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ سول يېرىم شارى ئادەتتىكىدىمۇ بەك «ھۇشيار» بولىدىكەن ھەمدە سىرتقى ئۆزگىرىشكە تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىدىكەن. بىز ناتونۇش مۇھىتنىڭ بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمىگەن ئەھۋالدا، بۇ مۇداپىئە مېخانىزمى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، كارىۋات تاللاش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. كارىۋات تاللاش ئەمەلىيەتتە تونۇش مۇھىت ئىزدەش، ھەرگىزمۇ ھەقىقىي كارىۋات تاللاش ئەمەس ئىكەن.

    ئۇيقۇسىزلىق، كارىۋات تاللاش، ئۇيقۇغا قاتماسلىقنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، كارىۋات تاللاش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

    كارىۋات تاللاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى ئازايتىش كېرەك. كارىۋات تاللايدىغانلار كاماندىروپكىغا ياكى ساياھەتكە چىققاندا، ياستۇقىنى ئېلىش ياكى ئۆيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئوخشاپ كېتىدىغان مۇھىتنى تاللاش كېرەك؛ مېھمانخانا تاللىغاندا، تىنچ، ئازادە مېھمانخانىنى تاللاش كېرەك؛ ئۇخلاشتىن بىر سائەت ئىلگىرى يان تېلېفون ياكى كومپيۇتېرغا قارىماي، مېڭىنى خىزمەتتىن نېرى قىلىپ، مۇزىكا ئاڭلاپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ئارام ئالدۇرۇش كېرەك؛ مەيلى ئورۇن ئالماشتۇرايلى ياكى ئالماشتۇرمايلى، كەيپىياتنى ياخشىلاپ، ئادەتتىكىدەك غىزالىنىپ، ۋاقتىدا ئۇخلاش كېرەك.

    ئۇزۇن مۇددەت ئۇيقۇسىزلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، دوختۇرنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىنى ۋاقتىدا قۇبۇل قىلىش كېرەك. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يېقىنقى كەلگۈسىدە، ئالىملار كارىۋات تاللاش مەسىلىسىگە چوقۇم جاۋاب تېپىپ، كىشىلەرنىڭ سىرتتىمۇ ئۆيدىكىدەك ئۇخلىشىغا ياردەم قىلىدۇ.

تيانشان تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى