تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

موگۇنى كۆپ يېسە مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

  كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بىر خىل يېمەكلىك سۈپىتىدە، موگۇنىڭ نۇرغۇن رولى بار، مەسىلەن، قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش، قان پىگمېنتىنى ئاشۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا، يېقىندا ياپونىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، موگۇنى كۆپ يېسە مەزى بېزى راكىنىڭ خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدىكەن.

  2018-يىللىق يەر شارى راك كېسىلى ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزى بېزى راكى ئەرلەرنىڭ ئىككىنچى چوڭ راك كېسىلى، شۇنداقلا دۇنيادىكى 5-چوڭ راك كېسىلىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ئىكەن. گەرچە ھازىر مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئېنىق ئۇسۇلى بولمىسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ساقلاش ئۇنىڭ خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ دەپ قارايدىكەن. موگۇنىڭ يېمەكلىك تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ھەتتا بىر خىل دورا ماتېرىيالى قىلىنغان. بۈگۈنگە قەدەر كۆپلىگەن تەتقىقاتلار موگۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش، ئىممۇنىتېتنى تەڭشەش قاتارلىق سالامەتلىككە پايدىلىق رولى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. موگۇنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللىك تەتقىقاتتا موگۇنىڭ مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى تېخىمۇ تەكىتلەنگەن.

  چۈنكى، جىسۇڭرۇڭ، قوش سپورىلىق موگۇ، يۈنجى، يۇڭچۇڭساۋ، جىتۈي موگۇ قاتارلىق موگۇدىن ئايرىۋېلىنغان ماددىلار مەزى ھۈجەيرە سىستېمىسىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدۇ ھەمدە مەزى بېزىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدۇ. شۇڭا، ياشانغان دوستلار ئادەتتە موگۇنى كۆپرەك يەپ بەرسە سالامەتلىككە ناھايىتى پايدىلىق. (جاڭ جيەن)

خەلق تورىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى