تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئۆزگىچە باقمىچىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

    شىنجاڭ ئاخبارات لىنىيەسى تورى، 10 - ئاينىڭ 17- كۈنى خەۋىرى: قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسى ئاياغ ئىشتاچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆزگىچە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

   قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسى ئاياغ ئىشتاچى كەنتىنىڭ يېرى ئاز نوپۇسى كۆپ، قانداق قىلىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تېز ئۈنۈم بېرىدىغان، پايدىسى كۆپ، سىجىللىققا ئىگە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىنى ئېچىش ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسى، قاراقاش ناھىيەلىك ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەڭ كۆپ باش قاتۇرىدىغان مەسىلە. ئائىلە زىيارىتى داۋامىدا، خىزمەت ئەترىتى ھەممە ئائىلىدە باغ بولۇشتەك ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، كەنت ئاھالىلىرىنى باغلاردا توخۇ ۋە قىزىل تۇمشۇق ياۋا غاز بېقىشقا يېتەكلىدى ھەم سانجى جۇڭرۈن يىيۈ ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق چەكلىك شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆي قۇشلىرىنىڭ سېتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئاياغ ئىشتاچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، بىرىنچى شۇجى مۇختار مەمەت مۇنداق دېدى: بىز باغلاردىكى بوشلۇقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ كەسپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئەسلىدىكى پەقەت ياڭاقلا ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنى باقمىلىققا ئۆزگەرتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردۇق.

   خىزمەت ئەترىتى بىلەن سانجى جۇڭرۈن يىيۈ ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق چەكلىك شىركىتى كېڭىشىش ئارقىلىق «شىركەت+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان»دىن ئىبارەت كەسپ ئەندىزىسى نى قوللىنىپ، كارخانا قىزىل تۇمشۇق ياۋا غاز چۈجىسى بىلەن تەمىنلەپ، باقمىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە ھەقسىز يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كەنتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كۈندىلىك پەرۋىش خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان، دېھقانلار يەم-خەشەك بىلەن تەمىنلەيدىغان ھالەت شەكىللەندۈرۈلدى. كەنت ئاھالىسى ئالمىخان تۇرسۇن باققان بىرىنچى تۈركۈمدىكى 1200 دانە قىزىل تۇمشۇق ياۋا غاز ھازىر بازاردا سېتىلىشقا باشلىدى. ئالمىخان تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ئېرىمنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، بالىمىز كىچىك، شۇڭا مەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشقا ئامالسىز قالغانىدىم. كەنتىمىزنىڭ بىرىنچى شۇجىسى مېنىڭ ئەھۋالىمغا ئاساسەن، بىزنى قىزىل تۇمشۇق ياۋا غاز بېقىشقا ئىلھاملاندۇردى، بىرىنچى قېتىم 1200نى باقتۇق، 500 تالنى 11 مىڭ 200 يۈەنگە ساتتىم، ھازىر ئىككىنچى قېتىملىقىنى بېقىۋاتىمەن، بۇ قېتىممۇ 1200 دانە باقتىم. 

   ھازىر، ئاياغ ئىشتاچى كەنتىدە 29 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى 70 مىڭدىن كۆپرەك قىزىل تۇمشۇق ياۋا غاز باقتى. مۇختار مەمەت مۇنداق دېدى: ئۇنى ساتىدىغان ۋاقىتتا كىلوسىنى 18 يۈەن ھېسابلاپ كارخانىغا سېتىپ بېرىمىز. ئادەتتە ئىككى ئاي باقىمىز، بېقىلغاندىكى ساپ پايدا 13 يۈەندىن 15 يۈەنگىچە بولىدۇ، بۇنىڭ پايدىسى ناھايىتى ياخشى، شۇڭا دېھقانلارنىڭ قىزغىنلىقىمۇ ناھايىتى يۇقىرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى