تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىش

− شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى گۇەن چياۋچياۋ، ليۇ خۇڭشيا

بۇ بىر پارچە نامراتلىق قاپلىغان تۇپراق −

بوشلۇقتىن قارىغاندا، بۇ يەردە ھەم كەڭ كەتكەن چۆللۈك، قۇملۇق بار، شۇنداقلا گىرەلىشىپ كەتكەن ئېگىز تاغلار، چوڭقۇر جىلغىلار بار. تەبىئىي ئاپەتنىڭ يۈزبېرىشى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بايلىق ئەۋزەللىكى ئۈنۈمسىز بولغاچقا، بۇ يەردە بىرمەھەل ئۈچ ئادەمنىڭ بىرى نامرات ئاھالە بولۇپ قالغان.

بۇ بىر پارچە ئۈمىد يالقۇنجىغان تۇپراق −

باشقا جايغا كۆچۈرۈش، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش... دىققەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىندى، بۇ يەردىكى كادىرلار، ئامما جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.

بۇ يەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، پۈتۈن مەملىكەتتىكى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى 2 مىليون 314 مىڭ 700 كىشى مۇتلەق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2014- يىلىدىكى %19.4تىن %6.1كە تۆۋەنلىدى. ئوخشاش مەزگىلدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 1 مىليون 889 مىڭ 500 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %29.1تىن %10.9كە تۆۋەنلىدى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئۆزگىرىشلەر كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

شادلىق ناخشىسى يەنە ياڭرىدى

«نامراتلارنىڭ نامرىتى» يېڭىچە قىياپەتنى نامايان قىلدى

مەشتىكى چوغ ئۈستىگە قويۇلغان «قورسىقى»غا باچكا سېلىنغان چوڭ تاۋۇزنىڭ خۇش پۇرىقى كىشىنى جەلپ قىلاتتى؛ رەتلىك، پاكىز كېچىلىك يايما ئورنى يېنىدىكى مىللىيچە خاسلىققا ئىگە ناخشا - ئۇسسۇل كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى... تۈن پەردىسى يېيىلىشى بىلەن، خوتەن كەچلىك بازىرى يەنە قىزىپ كەتتى.

تەخمىنەن 500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەشقەر كونا شەھىرىدە جاي - جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر سەھەردىلا شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەنىدى، سەل كېچىكىپ قالسا «شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش» مۇراسىمىنى پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ بويۇننى سوزۇپ كۆرۈشكە توغرا كېلەتتى.

يىراقتىكى توغراقلىقتا، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى...

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھىتىدىكى «جەزمەن بارىدىغان» مەنزىرىلىك جايلار يەنە بىر قېتىم قىزىپ كەتتى.

ساياھەتچىلىكنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، شۇ جايدىكى نامرات ئاممىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى. «كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ، كۈندە ئالدىراشلىقتىن يېتىشەلمەي قالىمىز.» ئابدۇراخمان تۇرسۇن پوسكام ناھىيەسى پوسكام يېزىسى يۇقىرى قالغېرىق كەنتىدىن بولۇپ، ئەمدىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنسا، يىگىتنىڭ خۇشاللىقتىن ئېغىزى يۇمۇلمايلا قالىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ جەمئىيىتى، ئىقتىسادى كۈنسېرى مۇقىم بولدى، گۈللەندى، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن بارغانسېرى چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرە ۋە ئۆرپ - ئادەت كۈنسېرى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى، ساياھەتچىلىك شىددەت بىلەن تېز ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۈتۈۋالدى.

بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 183 مىليون 858 مىڭ 400 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.9 ئاشتى؛ ساياھەت كىرىمى 304 مىليارد 638 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.78 ئاشتى، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

ئىچكىرى رايونلاردىكى سودىگەرلەرمۇ مول ھوسۇل مەزگىلىدە شىنجاڭدا جەم بولدى. ھازىر تارىم ئويمانلىقىدىكى ياڭاق، چىلان قاتارلىق مېۋىلەر ھوسۇل مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى ۋە سودا يىغىلىش، تارقىلىش بازارلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا يېڭىدىن قۇرۇلغان ھەرقايسى چوڭ توپ سېتىش سودا بازارلىرىغا كېلىپ - كېتىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي ناھايىتى قىزىپ كەتتى.

«بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى ۋە ئەتراپتىكى ياڭاق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدىكى توپ سېتىش سودىگەرلىرى بەس - بەستە يېتىپ كېلىدۇ، بۇ يەر تېخىمۇ قىزىپ كېتىدۇ.» شىنجاڭ ياڭاق (خوتەن) توپ سېتىش سودا بازىرىنىڭ مەسئۇلى گاۋ گوۋېي مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خاس باغۋەنچىلىك ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى، رايون سودا يىغىلىش، تارقىلىش ئورۇنلىرىدىكى توپ سېتىش سودا بازارلىرى خاس باغۋەنچىلىكنىڭ رىقابەت ئەۋزەللىكىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقىغا ئايلاندى.

جەنۇبىي شىنجاڭدا تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدەپ 12 مىليون مو خاس باغ - ئورمان بەرپا قىلىندى، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ %30تىن كۆپرەك كىرىمى باغۋەنچىلىكتىن كېلىدۇ، بىر قىسىم نۇقتىلىق باغۋەنچىلىك ناھىيەلىرىدە ھەتتا يېرىمدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بىراق، بازار، رايون ئورنى، تېرىقچىلىق تېخنىكىسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمانچىلىقىنىڭ كۆلىمى چوڭ، ئەمما ئەلا بولماسلىق، سېتىش ئەندىزىسى يەككە بولۇش، سېتىش يوللىرى تارقاق بولۇش، ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش يېتەرلىك بولماسلىق، كەسىپ زەنجىرى كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن، نۇرغۇن باغۋەن «ئالتۇن تاغ»نى ساقلاپ نامرات تۇرمۇش كەچۈرگەن.

خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ رايون ئىچى سېتىۋېلىش تورى ۋە رايون سىرتى سېتىش تورىدىن ئىبارەت «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، خاس باغ - ئورمانچىلىق ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى، رايون سودا يىغىلىش، تارقىلىش ئورنىدا سەككىز توپ سېتىش بازىرىنى قۇرۇپ، خاس باغۋەنچىلىكنىڭ رىقابەت ئەۋزەللىكىنى ئاشۇردى.

«توردىكى نەق مال ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى+تور سىرتىدىكى ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا سودىلىشىش، يىغىش - تەقسىملەش مەركىزى تىجارەت ئەندىزىسى سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە سودا ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.» دېدى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى جەنۇبىي شىنجاڭ بازا بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۇڭمېي.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرمۇ سىجىل كۈچىدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتى دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق ئالما ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ بىرى، ئىلگىرى سېتىش قىيىن بولغان ئاقسۇنىڭ بىڭتاڭشىن ئالمىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا دەرسخانىسى ئارقىلىق «تورغا چىقىرىلىپ» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «ئۆتكۈر قورال»غا ئايلاندى.

ئائىلە، كەسىپ بار بولدى

نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشتىن ئۈمىد بار بولدى

كەچ كۈزدىكى كوئېنلۇن تاغلىق رايونىدا ھاۋا ئاستا - ئاستا سوۋۇشقا باشلىدى. بىراق، ئۆي كۆچۈش خەۋىرى نۇرجامال ھوشۇرنىيازنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. «ئاكام ياشىنىپ قالغان ئانامنى ئېلىپ دائىم كەلكۈن كېلىپ تۇرىدىغان جىلغىدىن كۆچۈپ چىقىدىغان بولدى، مەنمۇ سىرتتا خاتىرجەم ئوقۇيدىغان بولدۇم.» ناھىيە بازىرىدىكى يېڭى ئۆينى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قەلبى ئۈمىدكە تولدى.

دۆلەت نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش سۈرئىتى تېزلىشىپ، «ئۆزىنى ئۆزى باقالمايدىغان» جايلاردا ئولتۇرۇۋاتقان نامرات ئاھالە سىرتقا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. نۇرجامالغا ئوخشاش شىنجاڭدىكى 160 مىڭغا يېقىن نامرات ئاھالە ئارقا - ئارقىدىن تاغنىڭ ئىچكىرىسى ۋە قۇملۇقتىن كۆچۈپ چىقتى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سەۋىيەسى تېز ئۆستى.

نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىلىق يولغا قويۇلىدىغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كۆچۈرۈلگەن نامرات نوپۇس 35 مىڭ 200 ئائىلىلىك 139 مىڭ 500 كىشى بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ %87ىنى ئىگىلىدى. كىچىك شەھەر - بازار، كەسىپلەر باغچە رايونى قاتارلىقلارغا تايىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ياخشىلىنىپلا قالماي، يەنە باراۋەر ئاممىۋى مۇلازىمەت كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ياسالغان تاشيول 731 كىلومېتىرغا، ئىچىدىغان سۇ تۇرۇبا تورى 1256 كىلومېتىرغا، ئېلېكتىر تورى 726 كىلومېتىرغا يەتتى، يەنە يانداشتۇرۇلۇپ مەكتەپ، يەسلى، داۋالاش ئۆيى، پائالىيەت ئۆيى قاتارلىقلار سېلىندى.

31 ياشلىق گۈلچىمەن نۇر ئائىلىسىنىڭ قۇملۇق چېتىدىن چىرا ناھىيەسىدىكى شياۋكاڭ يېڭى مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگىنىگە ئىككى يىل بولدى. ئۇ ناھىيە بازىرىدىكى بىر كىيىم - كېچەك دۇكىنىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، ھەر ئايدا مۇقىم، خېلى كۆپ كىرىم قىلىدىغان بولدى. ئۇنىڭغا ئوخشاش، شىنجاڭدا كۆچۈرۈلگەن 77 مىڭدىن ئارتۇق ئامما مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى.

«تېخىمۇ قولايلىق بولغىنى، بالىلار ئىشىك ئالدىدىلا مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولدى» دېدى گۈلچىمەن. بۇ يىل شىنجاڭ 800 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپلەرنىڭ 395 مىڭ 300 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە مەكتەپ ياتىقى سېلىشىنى قوللىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %94.2كە يېتىپ، نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇيدىغان مەكتىپى بولۇش، ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئوقۇشتىن چېكىنمەيدىغان بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى بولمايدىكەن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتمۇ بولمايدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىستىھكامنى ئېلىشنىڭ كۈچەش باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، نامرات ئاھالىلەرنى يېمەك - ئىچمەكتىن، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلدۇرمايلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنى كېسەل كۆرسىتىدىغانغا جاي بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قولاي بولۇش، كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. بۇ يىل، شىنجاڭ ئۇدا تۆتىنچى يىل ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاغرىقلارنى چوڭ كېسەل بولغاندا قۇتقۇزۇش - داۋالاش، سوزۇلما كېسەل بولغاندا كېلىشىم بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق شەكلىدىكى ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدىكى «توسالغۇ»لارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى.

2018 - يىلى، شىنجاڭ يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى 15 خىل چوڭ كېسەلنى مەركەزلىك قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل كېلىشىمى مۇلازىمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل 8 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە، شىنجاڭدا كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلاشقانلاردىن 40 مىڭ ئائىلە، 149 مىڭ كىشى بار بولۇپ، 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 22 مىڭ ئائىلە، 87 مىڭ كىشى ئازايغان.

شىنجاڭ نامرات ئاھالىلەرنى ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىدىكى جەزمەن سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدىغان كىشىلەر توپىغا كىرگۈزدى، نۆۋەتتە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %99كە يېقىنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، 833 مىڭ 900 ئادەم كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى ھۆكۈمەت ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى، 533 مىڭ 700 ئادەم كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولدى.

يول ئېچىلدى

قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىندى

ئۇزاقتىن بۇيان، رايون، تەبىئەت، ئىقتىساد قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى كۆپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرى تار، سۈپەت تۆۋەن، مۇقىملىقى ناچار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولدى. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا قاتناش، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە چېتىلىدىغان زور بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەر ئارقا - ئارقىدىن پۈتتى، ئىلگىرىكى «يانچۇق تېگى»دە يول تۇتۇشۇپ قاتناش باشلاندى، كەسىپ تەرەققىيات يولى بارغانسېرى كېڭەيدى.

«مېنىڭ ھازىر خىزمىتىم بار، ئىقتىدارىمغا تايىنىپ پۇل تاپىمەن، ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ھالىتىمنى ياخشى كۆرىمەن» دېدى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئەيسىفېن توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىسى ۋەتەنگۈل كېرەم خۇشال ھالدا.

ئىككى ئاي بۇرۇن، ۋەتەنگۈل تېخى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ياركۆۋرۈك يېزىسى ياركۆۋرۈك كەنتىدىكى قازان بېشىدىن نېرى كېتەلمەيدىغان بىر ئائىلە ئايالى ئىدى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئەيسىفېن توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ 1- قارارلىق تۈرىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇ تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەنگەندىن كېيىن زاۋۇتقا كىرىپ ئىشقا چۈشتى.

بۇ يەردە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىشقا ئورۇنلاشقان يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن 900 نەچچە كىشى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچى 300 نەچچە.

2018- يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە (شەھەر)گە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 120 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.

سىزىش، كېسىش، تىكىش، سوغۇق چاپلاپ شەكىلگە كەلتۈرۈش، ئوراپ قاچىلاش... خوتەن ناھىيەسىدىكى ئاياغ - خۇرۇم كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەندە، ئازادە، يورۇق، پاكىز زاۋۇت ئۆيىدە ماشىنىلار گۈرۈلدىگەن، ئالدىراش مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

«چوڭ، ئوتتۇرا ئاياغ زاۋۇتلىرىنى باغچە رايونىغا مەركەزلەشتۈرۈش، كىچىك تىپتىكى ئاياغ پىششىقلاش كارخانىلىرىنى يېزا - كەنتلەرگە ئۇزارتىش، يۈرۈشلۈك كەسىپلەرنى باغچە رايونى ئەتراپىغا توپلاش» تەرەققىيات يۆنىلىشى بويىچە، ئىلگىرىكى ئۇلى ئاجىز، ئاساسى ناچار بولغان خوتەن ناھىيەسى ئاياغ كەسپى كەسىپلەر باغچىسىغا تايىنىپ، ياساش، ئەشيا ئوبوروتى، ئىجادىيەت، تەربىيەلەش بىر گەۋدىلەشكەن جەنۇبىي شىنجاڭ «ئاياغ شەھەرچىسى» بەرپا قىلىپ، 1- قارارلىق تۈردىلا 5000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. ئاياغ كارخانىلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

قول ھۈنەرۋەنچىلىك، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، خاس تېرىقچىلىق - باقمىچىلىق... ئەمگەك كۈچى كۆجۈملەشكەن بۇ كەسىپلەر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا ھەم داۋاملىق مۇھىم رول ئوينايدۇ.

يېقىندا، مەكتەپ پۈتكۈزگەن مېھراي ئەنۋەر كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى ئارا مەھەللە كەنتىدىكى كىيىم - كېچەك زاۋۇتىغا قايتىپ كېلىپ ئىشقا چۈشتى. «مەن ئۆگەنگەن كىيىم - كېچەك لايىھەلەش كەسپىنى ئىشقا سالىدىغان سۇپا بار بولدى، مەن تېخنىكىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزۈم ئىگىلىك تىكلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىمەن» دېدى مېھراي.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش، ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ھەرىكەتچان باشقۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىشنى ئاساس قىلغان تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇزاق مۇددەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئاھالىلەرنى ھەممە ئائىلىنىڭ يولى بولۇش، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە يېقىنلاشقانسېرى، شۇنچە غەيرەت قىلىپ ئىشلەش كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، غەيرەت بىلەن ئاتلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا چوقۇم ئەڭ ئاخىرقى نامراتلىق قورغىنىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى