10- ئاينىڭ 14- كۈنى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) چاڭشا يولىدا، باغ-ئورمان ئىشچىلىرى چوڭ تىپتىكى ماشىنىلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، چوڭ يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن دەرىخىنى تىكمەكتە. چاڭشا يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە 1015 تۈپ چوڭ يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن دەرىخى تىكىلىدۇ.
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) 2019-يىلى كۈزدە 25 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق غوللۇق دەرەخ، 1 مىليون 200 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت تىكىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئاساسلىقى چاڭشا يولى، چىڭتېڭ يولى، يىنتېڭ يولى، سىپىڭ يولى قاتارلىق 32 يول ۋە ۋېنگۇاڭ يولى، قەشقەر غەربىي يولىدىكى ساياھەت باغچىسى قاتارلىق جايلارغا تىكىلىدۇ. بارلىق كۆچەت تىكىش خىزمەتلىرىنى 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تاماملاش پىلانلاندى.
(جياڭ شياۋ فوتوسى)