تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

خوشۇت ناھىيەسى جىنشاتەن مەنزىرە رايونىدا ئون مىڭدىن ئارتۇق ياۋا قۇم چايكىسى ساياھەتچىلەر بىلەن كۆڭۈللۈك ئوينىدى

  10- ئاينىڭ 14- كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى جىنشاتەن مەنزىرە رايونىدا، ياۋا قۇم چايكىلىرى ساياھەتچىلەر بىلەن كۆڭۈللۈك ئوينىماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ لىنرۇڭ، خاسىيەت قۇۋانجان فوتوسى، خەۋىرى): سۇ بىلەن ئاسمان بىر رەڭگە كىرگەن، قۇم چايكىلىرى ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقانىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسى جىنشاتەن مەنزىرە رايونىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق ياۋا قۇم چايكىسى ئالتۇن رەڭلىك قىرغاقتا توپلىشىپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن كۆڭۈللۈك ئوينىدى، ساياھەتچىلەر ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  خوشۇت ناھىيەسى جىنشاتەن مەنزىرە رايونى 1- نومۇرلۇق پىرىستانىنىڭ مەسئۇلى جياڭ بىڭ 1997- يىلىدىن باشلاپ جىنشاتەن مەنزىرە رايونىدا كېمە ھەيدەۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قۇم چايكىلىرىنىڭ ھەممىسى قومۇشلۇقتا ئىدى، ئادەمنى كۆرسىلا ئۇچۇپ كېتەتتى، كىشىلەرنىڭ قۇشلارنى ئاسراش ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، قۇشلارمۇ خۇشاللىق بىلەن كىشىلەرگە يېقىنلىشىدىغان بولدى، بۇ قۇشلار ھازىر ھەر كۈنى دېگۈدەك كېلىپ ساياھەتچىلەر بىلەن كۆڭۈللۈك ئوينايدۇ.

  باغراش كۆلى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى، شۇنداقلا ئېلىمىزدىكى ياۋا قۇشلار ماكانلىشىدىغان مۇھىم جاي. بايىنغولىن ئوبلاستى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دەريا، كۆل سىستېمىسىنى قوغداش ۋە سۇ ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ياخشىلاشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇلغىنىشنى قاتتىق تۈزەپ، باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلىغاچقا، بۇ جايغا كېلىپ ماكانلىشىدىغان ياۋا قۇشلارنىڭ تۈرى ۋە سانى يىلدىن-يىلغا كۆپەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى