تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پىراكتىكانت لو بېيبېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ئالىمجان مەمەت خەۋىرى، فوتوسى) ھازىر، پوسكامدىكى ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسىنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلى. يەكەن دەرياسى ئوراپ تۇرىدىغان بۇ توغراقلىق ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، ئۇنىڭ سۇغا چۈشكەن شولىسى كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ.
پوسكامدىكى ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۈچ تەرىپى سۇ بىلەن ئورالغان، مەنزىرىسى ئىنتايىن يېقىشلىق.
كۈز شامىلى توغراق يوپۇرماقلىرىنى سارغايتتى، يەكەن دەرياسىنىڭ سۈيى دولقۇنلاپ تۇراتتى، بۇ گۈزەل مەنزىرە ھەر يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىدىن 11-ئاينىڭ باشلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.