تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

【سۈرەتتىكى شىنجاڭ】 ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان ئىلى دەريا ۋادىسى سۇلۇق يېرىنىڭ ئەڭ گۈزەل بۆلەكلىرى

شىنجاڭ غۇلجىدىكى ئىلى دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ئىلى دەرياسى سۇلۇق يېرى، ئەتراپتىكى كۇتاڭ سۇلۇق يېرى ۋە ئورمانلىقنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 1063 گېكتار كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 833 گېكتار سۇلۇق يەرنى قوغداش رايونىدا، دەريا ۋادىسى كېڭىيىپ، بىر-بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن ئېرىقلار بىپايان، چوڭقۇر، جىمجىت ۋە ئەگرى-بۈگرى بولۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى سۇ يۈزىنى شەكىللەندۈرگەن، قومۇش، يېكەن قاتارلىق سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولۇپ، تارقاق مەركەزلەشكەن. قۇملۇق ئاراللار يۇلتۇزدەك تارقالغان بولۇپ، تېرەك-سۆگەت ئائىلىسى، ئازغان ئائىلىسى ۋە يۇلغۇن ئائىلىسىگە تەۋە ئۆسۈملۈكلەردىن تەركىب تاپقان دەريا ۋادىسىدىكى ئىككىلەمچى ئورمان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ياخشى قوغدالغان، ئۇ ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ئەڭ گۈزەل بۆلەكلەرنىڭ بىرىدۇر. يېڭىدىن ياسالغان كۆكدالا ئىلى دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى دەريا يۈزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، گۈزەل ئىلى دەرياسىغا جور بولۇپ، گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغان.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى