تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر رىزىۋانگۈل، ياڭ لىجۈن فوتوسى، خەۋىرى): يېقىندا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باغئېرىق يېزىسى جاندا تېرىم كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرنى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ ئېتىزلىرىدىكى پىگمېنتلىق لازىلارنى ئۈزۈشكە تەشكىللىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جاندا تېرىم كەنتى جەمئىي 133 نەپەر ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى يۆتكىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەتراپتىكى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، شۇ جايدىكى كارخانىلاردا كوللېكتىپ قىسقا مۇددەتلىك ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار 82 ئادەم قېتىم، قاچىلاش ماشىنىسى شوپۇرى، پېچىنە-پىرەنىك ئۇستىسى، بالا باققۇچى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 51 ئادەم بولۇپ، كىرىم 380 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.