تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

2019- يىللىق سۇچىلىق ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

چېن چۈەنگو، ئې جىڭپىڭ، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 14- كۈنى، 2019- يىللىق سۇچىلىق ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر ئې جىڭپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى. سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يې جيەنچۇن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەردىكى سۇچىلىق سىستېمىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقى، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىياتى، ئامما تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: سۇچىلىق مىنىستىرلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت سۇچىلىق سىستېمىسىنىڭ كۈچى بىلەن شىنجاڭنى قوللاپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشى سۇچىلىق تۈرىنى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك قوللىدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇچىلىق شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى. شىنجاڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇ قېتىمقى سۇچىلىق ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە سۇنى تىزگىنلەش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يىغىن نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەيدۇ. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ، سىياسەت، تۈر، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، ئەقلىي كۈچ قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭنى تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ كۆپ قاتلامدىن قوللاپ، ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئې جىڭپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، نىشانلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، سۇچىلىق ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. دىققەتنى تۈر، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، سۇچىلىق ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يەنە سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش، مەبلەغ غەملەش، قۇرۇلۇشنى يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياجلىق. كېيىنكى قەدەمدە، سۇچىلىق ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى «كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش»نى چۆرىدەپ پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش»تا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، سۇچىلىقنى يۈكسەلدۈرۈش قۇرۇلۇشى، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش تۈر قۇرۇلۇشى ۋە سۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش بىلەن تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇش كېرەك. «نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش»تە سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش فاڭجېنىنى نۇقتىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ ئېلىش، ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەريا - كۆللەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئې جىڭپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇچىلىق ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. بىرىنچىدىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى باش نىشانىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ سۇچىلىق ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ئىككىنچىدىن، سۇچىلىق ئىسلاھات، تەرەققىيات باش رىتىمىنى توغرا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى - كونا تۆت چوڭ سۇ مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىش ئاساسىدا كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، دەريا - كۆللەرنى باشقۇرۇش، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى كۈچلۈك نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇپ، سۇچىلىق ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشىنىڭ توغرا، سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلار سۇچىلىق ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سۇچىلىق ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى نۇقتىلىق خىزمەت سۈپىتىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پىكىرلىشىش، ھەمكارلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى سۇچىلىق ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

يىغىندا، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق خىزمىتىنى قوللاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداش سۇچىلىق ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى، بىڭتۇەن سۇچىلىق ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ سۇچىلىق خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى؛ سۇچىلىق مىنىستىرلىقى خۇاڭخې سۇچىلىق كومىتېتى، سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىرنى پىلانلاش - لايىھەلەش باش يۇرتى ۋە شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭنىڭ سۇچىلىق تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

يىغىندىن ئىلگىرى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن «شىنجاڭنىڭ سۇچىلىقىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى.

سۇچىلىق مىنىستىرلىقى رەھبەرلىرىدىن ما جيەنخۇا، يۆ جۇڭمىڭ، ليۇ ۋېيپىڭ، ۋاڭ ئەننەن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۇي، دۇڭ شىنگۇاڭ، كۇڭ شىڭلۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى. سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ سۇچىلىق، سۇ ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى