تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىش ئارقىلىق تەتقىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

− بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى ليۇ ۋېنخۇا، چېن شۆرۇ

2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلار ئۈلگە كۆرسىتىپ باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ئەتراپلىق ئىگىلەپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ساھەلەردىكى پارتىيە ئەزالىرى ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق تەتقىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

 چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش    نەزەرىيە ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش

بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلار ۋە پايدىلىنىپ يولغا قويغان ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلار پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بولغان چۈشىنىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ۋاقتىدا ئەگىشىپ ئۆگىنىش، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

لوپنۇر ناھىيەسىدىكى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مەركەزلىك ئۆگىنىشتىن باشقا، ھەر كۈنى تەشكىللىنىپ ئۆزلۈكىدىن ئىككى سائەت ئۆگەندى، كۈندە ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈش، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

چاقىلىق ناھىيەسى تۈرگە ئايرىپ «يېتەكچىلىك قىلىش» شەكلىنى قوللىنىپ، ئۆيىگە بېرىپ ئۆگىنىشنى يەتكۈزۈش، پوچتىدىن ئەۋەتىپ ئۆگىنىشنى يەتكۈزۈش، تور ئارقىلىق ئوقۇتۇشنى يەتكۈزۈش، ھۆددە ئېلىپ - ئالاقىلىشىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ئۆگىنىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن خادىملارنى قاپلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ چاقىلىق بازىرىدىكى ھەرقايسى مەھەللە پارتىيە ياچېيكىلىرى «قوش بىرلەشمە ئائىلە» پارتىيە قۇرۇلۇشى ئالاقىچىلىرى، بىرلەشمە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «بىرىمۇ كەم بولماسلىق»ىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەربىيەلەش لايىھەسى تۈزۈپ، ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرىنى مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەپ، ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرىنىڭ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، خىزمەت تەپەككۇرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ئىقتىدار، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئېغىپ كەتمەسلىك، قۇرۇق بولماسلىق، مەۋھۇم بولماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى نەنخۇ مەھەللىسى باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا، ياشانغان پارتىيە ئەزالىرىغا قارىتا «بىرگە بىر ياردەم بېرىپ» ئۆگىنىشنى ئۆيىگىچە يەتكۈزۈش شەكلىنى قوللىنىپ «ئۆگىنىشىگە ياردەم بەردى»، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى تەشكىلاتلاردىكى پارتىيە ئەزالىرىغا قارىتا ئەتىگەنلىك ئوقۇش، كەچ كۇرس شەكلىنى قوللىنىپ «جانلىق ئۆگەتتى»، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىغا قارىتا ئۈندىدار، QQ ئارقىلىق ئۆگىنىش مەزمۇنىنى ئەۋەتىپ «يىراقتىن ئۆگەتتى»، ئۆگىنىش - تەربىيەگە پۈتۈن خادىم قاتنىشىش، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 تۈزىتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش    ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش

باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى دىققەتنى باش نىشانغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، مەسىلىلەرنى تېپىپ، مەنبەنى تەھلىل قىلىپ، پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئامما ئەڭ ئالدىرىغان، ئەڭ غەم قىلغان، ئەڭ تەقەززا بولغان تەخىرسىز مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاممىنى باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈردى. ۋاقتىدا قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىدىغان مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قەرەلسىز ھالدا مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى، چەرچەن ناھىيەسى، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى يۆلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، كۆچۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ «كۆچۈپ چىقالايدىغان بولۇش، مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلالايدىغان بولۇش»ىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى دىققەتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش - كۆزىتىش داۋامىدا ئاممىنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك بولغان «كۆچمەس مۈلۈك گۇۋاھنامىسى بېجىرىش تەس بولۇش، بېجىرىش ئاستا بولۇش» مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، بىلگەن ھامان تۈزەتتى. نۆۋەتتە، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا بىر كۆزنەكتە بىر يۈرۈش ماتېرىيال تاپشۇرۇپلا باج تاپشۇرۇش، قەرز ئېلىش، ئاممىۋى فوند، كىنىشكا بېجىرىش كەسپىنى بېجىرگىلى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقىت چېكى ئەسلىدىكى يەتتە خىزمەت كۈنىدىن بىر خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلىپ، ئىش بېجىرگۈچى ئامما ئاز قاترايدىغان، ئاز ئۆچرەتتە تۇرىدىغان، ئاز ساقلايدىغان بولدى.

چەرچەن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت سالمىقىنى ھەقىقىي زورايتىپ، يىل ئاخىرىدا ھەربىر ئەمگەك ئىقتىدارى بار ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىر ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا پۇختا ياردەم بەردى. بايىنغولىن ئوبلاستى لۇڭشېڭ نېفىتلىكى تېخنىكا مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئالىم راخمان مۇنداق دېدى: «ئۇزاقتىن بۇيان، مەن ھەرتەرەپكە قاتراپ، ئىشلەمچىلىك قىلىشقا تايىنىپ جان بېقىپ كەلگەنىدىم، ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىكى كادىرلار ماڭا ياردەملىشىپ لۇڭشېڭ شىركىتىدىن خىزمەت ئالاقىلىشىپ بەردى، ھەر ئايدا 3000 يۈەن ئەتراپىدا مائاش ئالالايمەن، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدۇم، بۇنىڭدىن مەن ناھايىتى خۇشال».

«بۇ سۇپىدا خېرىدار بولۇشقا بىۋاسىتە تىزىملاتقىلى بولىدىكەن، بارلىق ئاممىۋى بايلىقنىڭ خېرىدار چاقىرىش ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرگىلى بولىدىكەن، ھەقىقەتەن ۋاقىتنى تېجىگىلى ھەم خاتىرجەم بولغىلى بولىدىكەن» دېدى بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇراشتۇرۇش تۈرىگە خېرىدار بولۇشقا كەلگەن ليۇ جۈن خۇشال ھالدا. باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى خەلققە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىدىكى ئاجىز تۈرلەر، كەمتۈكلۈكلەرنى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلارنى ئاممىۋى بايلىق سودىسىغا قاتناشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى