تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى ۋە ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى ۋە ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ «ئاپتونوم رايوندىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى(مەمۇرىي مەھكىمە) تۇرۇشلۇق شەھەرلەر ھەمدە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەرلەردە تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلدى، قاراپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە - ئۈنۈم مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادە، ئاداققىچە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش جاسارىتى بىلەن، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ داۋانغا چىقىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يېڭى باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى توغرا ئىگىلەپ، بوشاڭلىق كەيپىياتىنى قەتئىي يېڭىپ، يۈكسەك ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، چوڭقۇر قېزىش، يىلتىزىدىن تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك دائىملىق تۈزەش نىشانىغا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ دىققەتنى چوڭقۇر قېزىش، تۈزەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، نۇقتىلىق رايون، كەسىپ، ساھەلەرنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق ئېغىر، زور دېلولارنى قويۇۋەتمەي چىڭ كۆزلەپ، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»، «مۇناسىۋەت تورى»نى قويۇۋەتمەي چىڭ كۆزلەپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنى قويۇۋەتمەي چىڭ كۆزلەپ، قانۇن بويىچە چوڭقۇر زەربە بېرىش، ئۈزۈل - كېسىل زەربە بېرىش، رەزىللىكنى تولۇق تۈگىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ تۈزىتىش ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش 21- نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاسىغا ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بىرى تۈزىتىلسە بىرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، مەسىلە ئېنىقلانمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش جايىدا بولمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، تۈزىتىش جايىدا بولمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، ئامما رازى بولمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىكنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈپ باھالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەل جايىدا نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە مەسىلىنى بايقاپ، دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىپ، «قايتا قاراپ چىقىش»نى نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، تەكشۈرۈپ باھالاشتا ئاممىنىڭ پىكرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، نۇقتىلىق ساھەلەرنى تۈزەش ۋە نۇقتىلىق دېلولارنى بېجىرىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، بېسىمنى سىجىل يەتكۈزۈپ، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك دائىملىق تۈزەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا نەتىجە - ئۈنۈمنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۈرگە ئايرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى چۆرىدەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، نىشان، ۋەزىپە، نۇقتىلىق تۈر، يانداش سىياسەت، كونكرېت تەدبىر، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىلمىي باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تۇتۇپ، تۈرگە ئايرىپ تاشلايدىغان، تۈرگە ئايرىپ يىغىدىغان، تۈرگە ئايرىپ توشۇيدىغان، تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى تېزدىن ئورنىتىپ، ھۆكۈمەت، كارخانا، مەھەللە، ئاھالە قاتارلىق كۆپ تەرەپ سۇبيېكتىنىڭ ھەمكارلىشىپ كۈچەپ ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، قانۇنچىللىقنى ئاساس قىلغان، ھۆكۈمەت تۈرتكە بولىدىغان، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىدىغان، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرىدىغان ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئادەت يېتىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەربىيەلەش، يېتەكلەش ۋە ئۈنۈملۈك ھەيدەكچىلىك قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ھەرىكەتلىنىپ، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش ياخشى ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، بىرلىكتە يېشىل تەرەققىيات، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۆھپە قوشۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.