تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى پىروگرامما

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى 1982- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 11- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 12- قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كۈرەش پىروگراممىسى تۈزۈپ چىقىلدى.

پارتىيە 12- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يېتەكچى ئىدىيەسى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن شانلىق بىر بايراق تىكلەندى. دېڭ شياۋپىڭ قۇرۇلتايدا قىلغان ئېچىلىش سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ماركسىزمنىڭ ئومۇمىي ھەقىقىتىنى دۆلىتىمىزنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ يولىدا مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشىمىز كېرەك، بۇ، بىز ئۇزاق تارىخىي تەجرىبىلەردىن خۇلاسىلەپ چىقارغان ئاساسىي يەكۈن.

12- قۇرۇلتاينىڭ بىر مۇھىم تارىخىي تۆھپىسى شۇكى، پارتىيەنىڭ يېڭى تارىخىي مەزگىلدىكى باش ۋەزىپىسى بېكىتىلدى، يەنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە پەن - تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنى يۈكسەك مەدەنىي، يۈكسەك دېموكراتىك سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.

باش ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، قۇرۇلتايدا دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك يارىتىشتىكى كۈرەش نىشانى، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى، يولغا قويۇش قەدەم - باسقۇچلىرى ۋە بىر قاتار فاڭجېن - سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتىكى كۈرەش نىشانى: 1981- يىلىدىن 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان 20 يىلدا، تىرىشىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئىككى قاتلاپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ يەنە بىر مۇھىم تۆھپىسى شۇكى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن بىللە، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى ئىكەنلىكى گەۋدىلىك تەكىتلەندى.

پارتىيە 12- قۇرۇلتىيىدا قايتىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى» ماقۇللاندى. يېڭى پارتىيە نىزامنامىسىدە پارتىيە 7- قۇرۇلتىيى ۋە 8- قۇرۇلتىيىدىكى پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ۋارىسلىق قىلىنىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە قارىتا تېخىمۇ تولۇق، كونكرېت بەلگىلىمىلەر چىقىرىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا بولغان يېڭى تەلەپلىرى نامايان قىلىندى.

پارتىيە 12- قۇرۇلتىيىدا سايلانغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، زور بىر تۈركۈم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، ياش ۋە كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغان، تەجرىبىسى مول، كەسپىي بىلىملەرگە ئىگە ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلار قوبۇل قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى