تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جاسارەت بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى تارىخىي داستانىنى پۈتۈش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى پەيتىدە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جوۋ ۋېي، شى جىڭنەن، ۋاڭ سىبېي

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «كۈرەش قىلايلى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى»دا «كۈرەش» ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان بولۇپ، چوڭ تىپتىكى مۇزىكا - ئۇسسۇللۇق تارىخىي داستان شەكلى ئارقىلىق سىمفونىيە، خور، ئۇسسۇل، دېكلاماتسىيە، تەسۋىرىي ئويۇن قاتارلىق سەھنە ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق ئامىللىق پايدىلىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشتەك ئۇلۇغ مۇساپىسى قايتا نامايان قىلىندى، «خەلق ئۈچۈن ئابىدە تىكلەيدىغان، يېڭى جۇڭگو ئۈچۈن تەزكىرە تۇرغۇزىدىغان، يېڭى دەۋرنى كۈيلەيدىغان سەنئەت ئەسىرى» دەپ تەرىپلەندى؛ 9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە، دۆلىتىمىزنىڭ كىنو بېلەت كىرىمى 5 مىليارد 50 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا بېغىشلانغان نۇقتىلىق فىلىم «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم»، «جۇڭگولۇق ئايروپىلان باشلىقى»، «يامىشىپ چىققۇچى» سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ئىجادىيەتچىلەر تىپلاشتۇرۇپ ئىجاد قىلىش ۋە سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، تاماشىبىنلارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ئېتىقادى ۋە جان تىكىپ كۈرەش قىلىشتەك قايناق ھېسسىياتى بىلەن ئورتاقلاشتى... بۇ، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا قىلغان سوۋغىسى، سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ ئېگىزلىكتىن يۇقىرى پەللىگە غەيرەت بىلەن ئاتلىنىشىدۇر.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىنغان بەش يىلدىن بۇيان، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتتە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېپيېڭى مەنزىرە بارلىققا كەلدى −

يازغۇچى، سەنئەتكارلار ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تۇرمۇشقا يەنىمۇ چوڭقۇر چۆكۈپ، دىققەتنى رېئاللىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، قېتىرقىنىپ ئىجاد قىلىپ، توختىماي تىرىشىپ، قەلبى، مېھرى، زېھنى بىلەن ئۇلۇغ دەۋرنى تەسۋىرلىدى؛ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن «ئۆزگەرمەس تاشئالما»، «ئۆلۈمگە ئۆزىنى ئاتىغان ھىماتچى قوشۇن»، «يوۋ يۈ ۋە ئۇنىڭ ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى»، كىنولاردىن «جەڭ بۆرىسى»، «سەرگەردان يەر شارى»، «نېجا − ئالۋاستى بالىنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىشى»، كىتابلاردىن «دېڭىز بويىدىكى چۇنچيۇ»، «شاڭخەيدىكى جەڭ»، «باش رولچى»، ئۇسسۇللۇق تىياتىر «مەڭگۈ ئۈزۈلمەس ئېلېكتىر دولقۇنى»، ھەجۋىي تىياتىر «چېن خۇەنشېڭنىڭ تاماق يېيىش مەسىلىسى»، رادىيو دىرامىسى «<پۇتاقچى ئاپا> سۇڭ شياۋئې» قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى؛ «ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى» ئۈچۈن تۈۋرۈك تىكلەپ، لىم قويدى، يۇقىرى پەللىگە چىقىش ئۈچۈن «يول ياساپ، كۆۋرۈك سالدى»، بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى ھەقىقي كۈچەيتىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى؛ «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» − مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرى ھەممىلا يەردە تەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى سىڭدۈرۈلۈپ، ئاممىغا يېقىن قىلىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى...

بەش يىلدىن بۇيان، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر يۈكلىگەن يېڭى بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىنى روشەن نامايان قىلىپ، «تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش» باش تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ قىممەت قارىشىنى تارقىتىدىغان، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئېستېتىك ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى، يىلتىزنى پەرۋىش قىلىپ روھنى تاۋلىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى