تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قار - مۇز ساياھىتى ئۈچۈن «ئالدىن تەييارلىق»نى ياخشى قىلايلى

يۆ يەنيۈن

10- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئالدىن پىلانلاپ، كۈزلۈك ساياھەت تازا قىزىۋاتقان پەيتتە، داغدۇغىلىق ھالدا قار - مۇز ساياھىتى پەسلىنىڭ تەييارلىقىنى باشلىۋەتكەن. قار تېيىلىش يېتەكچىسى تەكلىپ قىلىش، قار - مۇز ساياھىتى پائالىيىتى لايىھەسىنى تۈزۈش، پۇقراۋى تۇرالغۇ تىجارەتچىلىرىنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى يولغا قويۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاش... بۇ بىر قاتار ھەرىكەتلەر قار - مۇز ساياھىتى ئۈچۈن قىلىنغان «ئالدىن تەييارلىق».

ھەرقانداق ئىش تەييارلىق پۇختا بولسا ئوڭۇشلۇق بولىدۇ، تەييارلىق پۇختا بولمىسا ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. شىنجاڭ ئەلا سۈپەتلىك، مول قار - مۇز بايلىقىغا ئىگە، لېكىن ھازىر قار - مۇز ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يەنىلا بىر قىسىم كەمتۈكلۈك ساقلانماقتا، مەسىلەن، قار - مۇز ساياھىتى مەھسۇلاتلىرى يەككە بولۇش، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولماسلىق، ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىقلار. قار - مۇز ساياھىتى ئۈچۈن «ئالدىن تەييارلىق»نى ياخشى قىلغاندا، تېخىمۇ سالماقلىق بىلەن «ئىچكى ماھارەت»نى تولۇقلاپ، قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە ساياھەتچىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققىلى بولىدۇ.

بالدۇر پىلانلاش، ئەتراپلىق تەييارلىق كۆرۈش ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ قار - مۇز ساياھىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە قار - مۇز ساياھىتىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈردى. «سوغۇق بايلىق»نى «ئىسسىق ئىقتىساد»قا ئايلاندۇرۇش مۇشۇنداق پوزىتسىيە ۋە ئىرادىگە ئېھتىياجلىق. شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇشتا، بۇنداق پوزىتسىيە ۋە ئىرادە تېخىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.

بىز بالدۇر ھەرىكەتلىنىپ، قار - مۇز ساياھىتى ئۈچۈن «ئالدىن تەييارلىق»نى ياخشى قىلىپ، بۇ يىلقى قار - مۇز ساياھىتىنى بۇلتۇرقى ئاۋاتچىلىق ئاساسىدا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرەيلى.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى