تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىدە شانلىق نەتىجە يارىتىش

جىمىسار ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم فاڭ جۈنشېن

مەن ۋەتىنىمىزنىڭ شەرقىي دېڭىز ساھىلىدىكى جېجياڭ تەيجوۋدىن كەلدىم. 2018- يىلى 8- ئايدا، مەن تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئۇزاقتىن بۇيان تەلپۈنۈپ كەلگەن بۇ ئاجايىپ ئوتلۇق تۇپراققا قەدەم تاشلاپ، كىشىلىك ھاياتىمنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدىم.

مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، شىنجاڭدىكى ھەممە نەرسە يېڭىچە، ئاجايىپ ئىدى. بۇ يەردە چۆل - جەزىرە بىلەن قارلىق تاغ بىر - بىرىگە ياراشقان، قۇملۇق بىلەن بوستانلىق گىرەلىشىپ كەتكەن؛ بۇ يەرنىڭ تارىخىي ئۇزاق، پارلاق، ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى رەڭدار. بۇ يەردە قۇياش سائەت 8دە كۆتۈرۈلىدۇ، بۇ يەردە 5- ئايدىمۇ چاڭغا تېيىلغىلى بولىدۇ؛ بۇ يەردىكى كىشىلەر ئىناق ئۆتىدۇ، بۇ يەر ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەش كەيپىياتىغا تولغان.

دەۋر ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىسىدە شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكىدەك شانلىق نەتىجىلىرى يارىتىلغان.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئورتاق يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ھەر قېتىم كەڭرى پىيادىلەر يولىدا ماڭغىنىمدا، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز بىنالار، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئاۋات مەنزىرىلەرنى كۆرىمەن، تۇرمۇش زامانىۋى پۇراققا تولغان. ۋەتەننىڭ قوينىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى مەيلى يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش - تۇرۇش جەھەتلەردە بولسۇن ياكى مەكتەپتە ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە بولسۇن، بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. بىر قېتىملىق زىيارەتتىكى بىر پېشقەدەم ئۇيغۇر پارتىيە ئەزاسىنىڭ سۆزى ھېلىمۇ ئېسىمدە: «ئىلگىرى، كۈنبويى قورساقنىڭ غېمىنى قىلىپ، نېمە بىلەن قورساق تويغۇزۇشنى بىلمەيتتىم. ھازىرمۇ قورساق تويغۇزۇشنىڭ غېمىنى قىلىمەن، لېكىن يەيدىغان ياخشى نەرسىلەر بەك كۆپ بولغاچقا، قايسىسىنى يېيىشنى بىلەلمەي قالىمەن؛ ئىلگىرى نۇرغۇن كىشى ئۈرۈمچىگە بېرىپ باقمىغانىدى، چۈنكى بىر قېتىم بېرىش ئۈچۈن ئەڭ تېز بولغاندىمۇ ئۈچ كۈن كېتەتتى، ھازىر ئۈچ سائەتكە قالمايلا بارغىلى بولىدۇ.» شۇنداق، ھازىر شىنجاڭدا مەيلى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بولسۇن ياكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بولسۇن، ھەممىسىدە تېز تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەش بولدى. بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى زور بولدى، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى چەكسىز بولدى. سۇ ئىچكەندە مەنبەسىنى ئەسلەش كېرەك، بىز ھەربىر مىللەت، ھەربىر كىشى چىن قەلبىمىزدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، تەستە قولغا كەلگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك.

پېشقەدەملەر ھازىرغىچە «چېگرا رايونغا ياردەم بېرىش» دېگەن سۆزنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئەينى چاغدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى، ھەرقايسى كەسىپلەردىكى كىشىلەر شىنجاڭغا كەلگەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش قىزغىن ئارزۇسىنى ئېلىپ كەلگەن، تېخىمۇ مۇھىمى ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەجرىنى بۇ تۇپراققا سىڭدۈرگەن. مەنمۇ بۇ خىل «چېگرا رايونغا ياردەم بېرىش روھى»نى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. ئامما بىلەن تېخىمۇ زىچ ئالاقە باغلاپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئامما بىلەن گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى