تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

جىن شىن: ئاممىنىڭ ئىشىنى قەلبىگە پۈكۈش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چېن

چۆچەك شەھىرىنىڭ ئاشىل داغۇر مىللىي يېزىسىدا جىن شىن تىلغا ئېلىنسا، ھەر مىللەت ئامما باش بارمىقىنى چىقىرىپ: «جىن يېزا باشلىقى، ئۇ بەك قالتىس!» دېيىشىدۇ.

بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن جىن شىن ئاشىل داغۇر مىللىي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چاشا بازىرى ۋە ئاشىل داغۇر مىللىي يېزىسىدىن ئىبارەت كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىككى يېزا - بازاردا خىزمەت قىلغان، ئۇدا توققۇز يىل ئىشلىگەن. ئۇ باشتىن - ئاخىر ئاممىغا رىشتە باغلاپ، ئاممىنىڭ ئىشىنى قەلبىگە پۈككەن.

چاشا بازىرىدا، جىن شىن بىرلىك سەپ خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. چاشا بازىرىنىڭ نوپۇسى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئاممىنىڭ ئارزۇ - تەلەپلىرىدە بىپەرۋالىق قىلماسلىق، چۈشۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، مەيلى قەيەرگىلا بارسۇن، ئۇ ھەمىشە بىر خاتىرە دەپتەرنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئارزۇ - تەلىپىنى بىر - بىرلەپ دەپتەرگە خاتىرىلەپ، يەنە تۈرمۇتۈر ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈردى. ئۇ: «ئاممىنىڭ ئىشى مېنىڭ ئىشىم» دەيدۇ.

2012- يىلى، چاشا بازىرى چەت جىيېك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ما ليەنگونىڭ ئۆيىگە ئوت كېتىپ، بىرنەچچە ئېغىز ئۆيىنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولغانىدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئامالسىز قالغاندا، جىن شىن ۋاقىتلىق تۇرىدىغان چېدىر ئەكېلىپ بەردى، يەنە ئۇلارغا ئەمىن ئۆي ياردەم پۇلىنى ماسلاشتۇرۇپ بەردى. ئىككى ئايدىن كېيىن ئۆي سېلىنىپ، ما ليەنگو ئائىلىسىدىكىلەر چېدىردا تۇرۇش تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇردى.

يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن كۈنى، ما ليەنگو جىن شىننىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مىننەتدارلىق بىلەن: «جىن ئىنىم، رەھمەت سىزگە، ئائىلىمىز ئەڭ قىيىنچىلىقتا، ئەڭ يار - يۆلەكسىز قالغاندا، سىز كەلدىڭىز، ئۆينى سېلىۋالدۇق، سىز مەڭگۈ مېنىڭ ياخشى قېرىندىشىم، بۇ مېھىر - شەپقىتىڭىزنى مەن بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ قالمايمەن» دېدى.

2015- يىلى 10- ئايدا، جىن شىن ئاشىل داغۇر مىللىي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. مەيلى قەيەردە خىزمەت قىلسۇن، ئۇ باشتىن - ئاخىر قىزغىنلىق بىلەن ھەر مىللەت ئاممىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى.

2016- يىلى 8- ئايدا، جىن شىن ئاياغ مەنجىباق كەنتىدىكى قازاق مىللىتىدىن بولغان نامرات ئائىلە ئادالقان مولداباينىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلىقىنى، خوتۇنىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى، ئەمگەك ئىقتىدارى يوقلۇقىنى، قىزى مېرۋېرت شىنجاڭ تېببىي داشۆسىگە ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرالمىغانلىقىنى ئۇقتى.

بالىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، جىن شىن خەلق ئىشلىرى، مائارىپ، مېيىپلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق تارماقلارغا قاتراپ، ئادالقان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى، مېيىپلىك ياردەم پۇلى، ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق بالىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى توپلىدى.

2017- يىلى ئاياغ مەنجىباق كەنتىدىكى نامرات ئائىلىدىن ئۈچ بالا ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى. جىن شىن تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى بىر ئورۇننى نامرات ئائىلىدىكى ئۈچ نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا پۇل ئىئانە قىلىشقا ماسلاشتۇرۇپ، ھەربىر بالىغا تاكى ئۇلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنگە قەدەر، ھەر يىلى 10 مىڭ يۈەندىن مەبلەغ ياردىمى بېرىدىغان قىلدى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جىن شىن ۋە خوتۇنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق ئۈچ مىللەتتىن بولغان ئائىلىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى.

2018- يىلى 3- ئايدا، جىن شىننىڭ تىزى ئاغرىپ بىئارام بولۇپ، تىزى، ئوشۇقىدىكى سىڭىر مەڭگۈلۈك زەخىملەنگەن، دەپ دىياگنوز قويۇلۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كەلدى. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن دوختۇر ئۇنى بىر يىل دەم ئالسۇن، دەپ تاپىلىدى، ئەمما ئۈچ ئاي بولمايلا، جىن شىن گىپىسنى ئېلىۋېتىپ، قوغداش بۇيۇمى تاقاپ، ھاسىغا تايىنىپ ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدا پەيدا بولدى.

2015- يىلى 12- ئايدا، جىن شىن ئەرز قىلىپ كەلگەن بەش دېھقان ئىشلەمچىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداپ ئىش ھەققىنى سۈرۈشتۈرۈپ، نېسى قالغان 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىش ھەققىنى ئېلىپ بەردى؛ 2017 - يىلى 8- ئايدا كۆككۆپىر كەنتىدىكى خۇيزۇ كەنت ئاھالىسى ما يوۋشياڭنىڭ ئۆيىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، ئۇ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئوتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆچۈردى؛ بۇ يىل 3 - ئايدا، بۇ يېزىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پونكىتىدىكى ئۇيغۇر كادىر ئالىنۇر ئابلىز تۇخۇمدان ئۆسمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، ئۇ پۈتۈن يېزىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى پۇل ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى ھەم ئالىنۇرنىڭ جەمئىيەتتىن مېھىر - شەپقەت ئىئانىسى توپلىشىغا ياردەم بەردى...

نۆۋەتتە، جىن شىن بەنزە ئەزالىرىنى باشلاپ، ھەرقايسى كەنتلەرنى يەر ئوبوروتى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا يېتەكلەش، ئۆزگىچە سۈپەتلىك ماركا يارىتىش، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى قولغا كەلتۈرۈش، بۇغداي زاكاز قىلىش شەكلىدىكى تېرىقچىلىقنى ئومۇملاشتۇرۇش... نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش يولىغا ئاتلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى