تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ يىچاڭ، دۇ شىڭجۈن فوتوسى،خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن كوچا بويىدىكى نۇرغۇن كىچىك سەيلىگاھلارنى زىيارەت قىلدى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەھەللىدىن چىقسىلا، ئارام ئېلىپ، كۆڭۈل ئاچىدىغان جايلىرى كۆپەيتىلىپ، بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاشۇرۇلغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل «يەرنى يېشىللاشتۇرۇش» تۈرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىدىن 10 مىڭ 41 مو يېشىللىقنى كۆپەيتىپ، ئۆزگەرتىپ، يېڭىدىن 100 كىچىك سەيلىگاھ بەرپا قىلىشنى پىلانلىغان. ھازىرغا قەدەر، 6837 مو يەر كۆكەرتىلگەن، 3 مىليون 800 مىڭ تۈپ غوللۇق دەرەخ تىكىلگەن ، 70 كىچىك سەيلىگاھ بەرپا قىلىنغان.