10- ئاينىڭ 14- كۈنى، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشقان دېھقانلار يۈننەن ئۆلكىسى چۈجىڭ شەھىرى جەنيى رايونى خۇاشەن كوچىسى ئەمگەك مۇلازىمەت مەركىزىدىكى ئورىيا ئوراش - قاچىلاش سېخىدا ئىشلىمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى:يۈننەن ئۆلكىسى چۈجىڭ شەھىرى جەنيى رايونى خۇاشەن كوچا باشقارمىسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىش، سەپەرۋەر قىلىش، ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش، سىرتقا چىقىرىشنى تەشكىللەش، ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش زەنجىرىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بىلەن ئىش ئورنىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھازىرغىچە 12 مىڭ 439 دېھقاننى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە سىرتقا چىقىرىلغانلار 6917 نەپەر، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 5522 نەپەر بولۇپ، بۇ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. (ياڭ زۇڭوۋ فوتوسى)