10- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئۈرۈمچى خەلق باغچىسى، شەھەر ئاھالىسى كەچكى شەپەقتە جيەنخۇ كۆلىدە كېمە ھەيدىمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۇ يىچاڭ، جاڭ شىنجۈن خەۋىرى، فوتوسى) كۈز پەسلى كەلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چوڭ- كىچىك كوچىلىرىدا دەرەخ شاخلىرىدىكى يوپۇرماقلار يېشىل رەڭدىن سېرىق رەڭگە ئۆزگەردى، كۈن نۇرى ئاستىدا، نېئون چىرىقى ئاستىدا ئادەتتىن تاشقىرى چىرايلىق كۆرۈندى. مەيىن شامالدا سېرىق يوپۇرماقلار لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئازادە قىلدى.
10- ئاينىڭ 13- كۈنى كېچە، ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىنىڭ بىر بۇلۇڭى بىلەن جۇڭشىن سارىيىدىكى چىراق كۆرگەزمىسى.
10- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدا، پىيادىلەر يولى بويىدىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى سارغايدى، كىشىلەر بۇ يەردە مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلدى.
10- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدا، سارغايغان دەرەخلەر بىلەن قەدىمىي تۈس ئالغان قۇرۇلۇش گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلدى.
10- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدا، ئىككى بوۋاي دەرەخ ئاستىدا ئولتۇرۇپ دەم ئالماقتا، ئارقىدىكى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى.
10- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى قۇرۇلۇش يولى، كوچا بويلىرىدىكى سارغايغان يوپۇرماقلار.
10- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدىكى جيەنخۇ كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى.
10- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدىكى راۋاقنىڭ بىر بۇرجىكى ۋە كۈز يوپۇرماقلىرى.