10- ئاينىڭ 15- كۈنى، سەھەر سائەت 7 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، سەھەر تۇرۇپ چىنققۇچى سۈرەتكە چۈشمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ ۋەندې، پىراكتىكانت لو بېيبېي خەۋىرى، فوتوسى) خەيرلىك سەھەر ! بۈگۈن ( 10- ئاينىڭ 15- كۈنى) شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ كېيىن بۇلۇتلۇق بولىدۇ، قىسمەن جايلاردا يامغۇر ياغىدۇ . ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن (10- ئاينىڭ 15- كۈنى ) ھاۋا ئوچۇق، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃18، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃9 بولۇپ، 3 بال شامال چىقىدۇ. ھاۋا ئوچۇق، قۇياش نۇرى ئىللىق، سىرتتا ھەرىكەت قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
كونىلاردا «كۈز كەلگەندە بۇرۇن ياللۇغى قوزغىلىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، كۈز پەسلى زىيادە سەزگۈرلۈك سەۋەبىدىن بولغان بۇرۇن ياللۇغى كۆپ قوزغىلىدىغان پەسىل بولۇپ، بەدىنى زىيادە سەزگۈر كىشىلەر دىققەت قىلىشى، بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بۇرنى قۇرغاقلىشىپ قىچىشقاندا چۈشكۈرك قىستايدۇ، بۇنداق چاغدا نەملىك ئاشۇرغۇچ ئىشلىتىش، نەملىك ئاشۇرغۇچنى قەرەللىك پاكىز تازىلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك، بولمىسا ئاسانلا باكتېرىيە پەيدا بولىدۇ.
شوپۇر دوستلار دىققەت: بۈگۈن (10- ئاينىڭ 15- كۈنى) S201 لىنىيەنىڭ مايتاس شامال رايونى، S221 لىنىيەنىڭ تولى شامال ئېغىزى، S319 ۋە S229 لىنىيەنىڭ ئالتاي دېڭىز شامىلى رايونى قاتارلىق يول بۆلەكلىرى 4 بالدىن 5 بالغىچە شەرق شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.