تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەت مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈلدى، قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، كەسىپ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز زورايتىلدى

− ئاپتونوم رايون يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈش - تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش ئاساسىدا، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، تۈزىتىشنى تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت كەسپىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئۈچىنچى تەرەپ شىركەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىدىن 12 مىليون 478 مىڭ 900 ئادەم قېتىمنى كۈتۈۋالغان، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.19 ئاشقان، دۆلەت ئىچى ساياھەت كىرىمى17 مىليارد 577 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.37 ئاشقان، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى ئومۇمىي سانى ۋە ساياھەت كىرىمىدە قوش يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

 مەسىلە توغرا تېپىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىلدى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى باش تېما تەربىيەسىدە، مەنزىرە رايونىدىكى «ھاجەتخانىغا كىرىش قىيىن بولۇش»، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە «ياتاقتا يېتىش قىيىن بولۇش»، كاسات پەسىلدە ساياھەتچىلەر ئاز بولۇش قاتارلىق قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، مەنزىرە رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش تىزىملىكى تۈزۈپ چىقىپ، ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى ۋە ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسى قۇرۇشنى ساياھەت مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ ساياھەت ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمەت قىلدى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، جەمئىي 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۆلەش، قۇرۇشتىن باشقا، ئىلى ئوبلاستى يەنە ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسىدىن 334نى كۆپەيتىپ قۇرۇپ، «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» (ھاجەتخانىغا كىرىش قىيىن بولۇش، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، ماي قاچىلاش قىيىن بولۇش، خەۋەرلىشىش سىگنالى راۋان بولماسلىق) مەسىلىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ياخشى ھەل قىلىدىكەن. ئۆگىنىش - تەربىيەدە يۈكسىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ تېپىش، تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىپ ئويلىنىش ئارقىلىق، ئىلى ئوبلاستى ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، «شەھەر قۇرۇلۇشى + ساياھەت ئىقتىسادى» ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چوڭقۇشتاي، سەككىز قىرلىق شەھەر. لىجيې كوچىسى، ئالتە شوئار كوچىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما ئۆرنەك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «غىزالىنىش، قونالغۇ، يول يۈرۈش، ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش»نى چۆرىدەپ، ساياھەت كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنى قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

كۇچا ناھىيەسى قونالغۇ شارائىتى بىرلا خىل بولۇش، ھاجەتخانىغا كىرىش قىيىن بولۇش قاتارلىق ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىللە، باش تېما تەربىيەسىدە، تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىغا قارىتا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتى تەشكىللىگەن ھېس قىلىش شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىنچىكە تەكشۈردى.

«نۆۋەتتە، تۈزىتىش ئارقىلىق، چوڭ جىلغىدا بىر تۈركۈم ئارام ئېلىش ئورۇندۇقلىرى كۆپەيتىلدى ھەم جىلغا ئىچىدىكى قارا يامغۇردا بۇزۇلۇپ كەتكەن ئەسلىھەلەر رېمونت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ساياھەت رايونىدىكى ھاجەتخانىلار قايتىدىن رېمونت قىلىنىپ، تازىلىق قىلىشقا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلدى.» كۇچا ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ پېڭ مۇنداق دېدى: بىز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەسىلىلەرگە ئىز قوغلاپ قايتا قاراپ چىقىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، مەسىلىلەرنى تولۇق تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق ھەم ئۇزاققىچە چىڭ تۇردۇق.

 مەۋقە كەلگۈسىگە قويۇلۇپ، تۈزىتىش تۇتۇلدى

باش تېما تەربىيەسىدە، ئالتاي ۋىلايىتى ساياھەت بازىرىنى 100 كۈنلۈك مەخسۇس تۈزەشنى يولغا قويۇپ، بازاردىكى قالايمىقانچىلىقلارنى چىڭ كۆزلەپ، كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىش، دائىرىدىن ھالقىپ تىجارەت قىلىشنى تۈزەپ، ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىتىش ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ۋەزىيەتنى قەرەللىك تەھلىل قىلىپ، ساياھەت بازىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئاجىز ھالقىلار ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈرمۇتۈر ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.

«بىز باشتىن - ئاخىر ساياھەتچىلەرنىڭ ھۇزۇر ھېس قىلىشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ساياھەت مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ ئاخىرغىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزەتتۇق، نۆۋەتتە تۈزىتىش نىسبىتى %95كە يەتتى» دېدى قاناس مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى جاڭ يەنجۈەن.

ساياھەتچىلىكنىڭ «شىددەتلىك» تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە قارىتا، تۇرپان شەھىرى باش تېما تەربىيەسىدە، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش بىلەن بىللە، يەنە ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، ساياھەت ئىقتىسادى مەخسۇس لىنىيەسى قۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن مۇلازىمەت قىلىپ، چەكلىك مۇددەتتە ھەل قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە زور تۈركۈم ساياھەت كارخانىلىرىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.

«ھۆكۈمەتنىڭ بىزنى قوللاش سالمىقى ئىنتايىن زور بولدى، بىزگە توك ئىشلىتىش، سۇ ئىشلىتىش، ئادەم ئىشلىتىش ھەمدە كىنىشكا بېجىرىش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ بېرىپلا قالماي، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىپ، بىزگە تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى. بۇ يىل تۇرپان شەھىرىگە ماكانلىشىپ تەرەققىي قىلغان «يار گۈللۈكى» پۇقراۋى قونالغۇسىنىڭ مەسئۇلى لى يۈنخۇي مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ «شىددەتلىك» تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۆرۈپ، تۇرپان شەھىرىگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى قارار قىلدۇق.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا بايقالغان پۇقراۋى قونالغۇ ساياھىتى تەرەققىياتىدا يەنىلا ساقلىنىۋاتقان تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، لوپنۇر ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چۈن شۆفېڭ مۇنداق دېدى: «باش تېما تەربىيەسى جەريانىدا، ناھىيە ساياھەت مۇلازىمىتى ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، تىجارەتچىلەرنى تۇرپان قاتارلىق جايلارغا بېرىپ پۇقراۋى قونالغۇ تىجارەت ئەندىزىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش، ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز تېخىمۇ كۆپ ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، <كىرگۈزۈش، چىقىرىش> ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پۇقراۋى قونالغۇ تىجارەتچىلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، پۇقراۋى قونالغۇلارنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماركېتىڭ يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت كىچىك مەنزىرىسى، كۆرگۈچىلىكى بار جاي، ئۆزگىچە LOGO بەرپا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى ئېسىدە قالىدىغان، تۇرۇپ قالىدىغان قىلىپ، <ئارقا كوزۇپ ئىقتىسادى>نى جانلاندۇرۇپ، پۇقراۋى قونالغۇ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىمىز».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، شيا چىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى خۇاڭ جىڭ، لۈ نا، شيا رېنشەن، ياڭ ۋېنخاۋ، ليۇ ۋېنخۇا، پاڭ بو يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى