تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي شىنجاڭ) سۇچىلىق خىزمىتى يىغىنى ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئاپتونوم رايون شىمالىي شىنجاڭ(شەرقىي شىنجاڭ) سۇچىلىق خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇنى تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىمالىي شىنجاڭ(شەرقىي شىنجاڭ) سۇچىلىق خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى تەتقىق قىلىش، پىلانلاش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىمالىي شىنجاڭ(شەرقىي شىنجاڭ) رايونى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق رايون، شىمالىي شىنجاڭ(شەرقىي شىنجاڭ)نىڭ سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سۇ بايلىقىنىڭ شىمالىي شىنجاڭ(شەرقىي شىنجاڭ) ئىقتىسادى، جەمئىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى تىرەكلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، شىمالىي شىنجاڭ(شەرقىي شىنجاڭ) سۇچىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل تەپەككۇر قىلىپ، تەتقىق قىلىپ، پائال تەشەببۇسكار نەتىجە يارىتىپ، سۇنى تىزگىنلەش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، سۇ تېجەش، سۇ باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇق تەكشى بولۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەش» سۇنى تىزگىنلەش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقى بىخەتەرلىكى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ۋە ئىلمىي، مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى بىلەن پىلانلىق سۇ ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، سۇ بايلىقىدىكى ئېلىش، ئىشلىتىش، سەرپ قىلىش، چىقىرىش قاتارلىقلارنى ھەرىكەت ھالىتىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يەر ئاستى سۈيىنى ھەددىدىن زىيادە ئېلىشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ تۈزەپ، يېزا ئىگىلىك سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سۇ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ يىرىك بولۇشتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك بولۇشقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، سۇچىلىق ساھەسىدىكى كۈچلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق بولۇش، ئېكولوگىيە بىخەتەر بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، سۇ بايلىقىنى تەڭشەش، ساقلاش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. سۇ ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، سۇ مۇھىتىنى ئاسراش ۋە سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۇ بايلىقىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سۇ بايلىقىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى، ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنى ئۆزئارا بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى يېتەكچى قىلىپ، سۇنى تىزگىنلەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ سۇچىلىق خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سۇچىلىق ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشى ۋە رايونلارنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىشىنى كۈچەيتىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۇختا، كۈچلۈك ھەرىكەت ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سۇ بايلىقى، سۇ ئېكولوگىيەسى، سۇ مۇھىتىغا بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى