تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى 44 يىل چىڭ تۇرۇپ قوغداش

موللاشېرىپ: كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى 44 يىل چىڭ تۇرۇپ قوغداش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى ياڭ شياۋدۇڭ

موللاشېرىپ غاپپارنىڭ ئاق تاملىق، كۆك ئۆگزىلىك، ئەتراپىدا بىر نەچچە تۈپ چوڭ جىگدە دەرىخى بار داۋالاش ئۆيى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئاردا يېزىسى گەنخىزى ئۈچىنچى كەنتىگە جايلاشقان. 9- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 9دا، داۋالاش ئۆيىنىڭ چىرىغى يېنىپ بولغانىدى، موللاشېرىپ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەچ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشكە كېلىشىنى ساقلاۋاتاتتى. «يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى ئىچىدە ياشانغانلار كۆپ، ئاغرىقلار ھەمىشە ئەتىگەندىلا داۋالاش ئۆيىگە كېلىدۇ» دېدى موللاشېرىپ.

«يېقىندىن بۇيان سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟ بېشىڭىز يەنە ئاغرىۋاتامدۇ؟» «يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ دورىسىنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا بەك خەتەرلىك!» موللاشېرىپ بۇ يەرگە كەلگەن ئاغرىقلاردىن سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورايتتى. «يېقىن ئەتراپتا نەچچە ئون كەنت ئاھالىسى بار، ئۇلارنىڭ قانداق كېسىلى بارلىقىنى ئاساسەن بىلىمەن، ئۇلارنىڭ كېسىلى كۆڭلۈمگە ئايان».

بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن موللاشېرىپنىڭ سالامەتلىكى ئىلگىرىكىدەك بولماي قالدى، ئۇ يېقىندىلا نەچچە قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنغانىدى، سالامەتلىكى تولۇق ئەسلىگە كەلمەيلا، ئاغرىقلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈش، كېسەل تارىخىنى كۆرۈپ دىياگنوز قويۇش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى.

موللاشېرىپ ئۆزىنىڭ دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىنى ئەسلىگەندە، كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: كىچىكىمدىن دادامغا ئەگىشىپ دوختۇرلۇقنى ئۆگەندىم، يايلاق ماڭا موھتاج، يۇرتداشلار ماڭا موھتاج. 1975- يىلى موللاشېرىپ شىنجاڭ جۇڭگو تېبابىتى مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئاردا يېزىلىق شىپاخانىغا خىزمەتكە چۈشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، كەڭ كەتكەن يايلاقتا، ئېگىز - پەس ئېدىرلىقلاردا، مەيلى ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش بولسۇن، چىلانتورۇق ئاتقا مىنىپ پۇقرالارنىڭ كېسىلىنى داۋالاش يولىدا كېتىۋاتقان ئېگىز، ئورۇق سىيمانى ھەمىشە ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولدى.

موللاشېرىپ پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، يېزا - كەنتلەردە سەييارە كېسەل داۋالاشنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

ناھىيە بازىرىغا 100 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان بۇرۇلتوقاي قىشلاقلىرىدىكى چارۋىچىلار موللاشېرىپنىڭ قېلىن قاردا تاغ يولى توسۇلۇپ قېلىش خەتىرىگە قارىماي، ھەريىلى ئاتقا مىنىپ ھەربىر كىگىز ئۆيگە كىرىپ چارۋىچىلارنى سەييارە داۋالىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ؛ چىغان جىگدە يېزىسى چارۋىچىلىق 2- ئەترىتىدىكى جانارگۈلنىڭ ھېلىمۇ ھازىرقىدەكلا ئېسىدە، 1984- يىلى 9- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئۇ ئېرى بىلەن مال بېقىۋاتقاندا، ئېرى تۇيۇقسىز يۈرەك تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولغان، ئۇ يار - يۆلەكسىز قېلىپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ئېرىنىڭ يېنىدا بىچارىلەرچە يىغلاۋاتقاندا، چارۋىچىلىق مەيدانىدا سەييارە كېسەل كۆرۈۋاتقان موللاشېرىپ ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان... ئۇزاققا سوزۇلغان جاپالىق دوختۇرلۇق قىلىش يىللىرىدا، موللاشېرىپ پۈتۈن ناھىيەدىكى بارلىق كەنتلەرنى ئايلىنىپ چىققان، ئۇ بۇ يەردىكى ھەربىر كىگىز ئۆينى پىششىق بىلىدۇ.

«دوختۇرنىڭ ئاتا - ئانىغا ئوخشاش قەلبى بولىدۇ». 40 نەچچە يىلدا، موللاشېرىپ ھەر مىللەت ئاغرىقلار ئۈچۈن 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاز ئالدى ياكى كۆتۈرۈۋەتتى، ئۆز يېنىدىن 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقاردى. مۇخبىر ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، لەۋھەلەرنىڭ ئىككى ئېغىز ئۆيگە لىق ئېسىلغانلىقىنى كۆردى. ئۆيدىكى ھەربىر لەۋھە تەسىرلىك ھېكايىلەرنى بايان قىلىپلا قالماي، موللاشېرىپنىڭ يۇقىرى دوختۇرلۇق تېخنىكىسى ۋە ئالىيجاناب دوختۇرلۇق ئەخلاقىغىمۇ گۇۋاھ ئىدى.

موللاشېرىپنىڭ تەسىرىدە، قىزى نازىگۈل موللاشېرىپمۇ دوختۇرلۇق يولىغا ماڭدى، ھازىر يېزىلىق شىپاخانىنىڭ Bچاۋ دوختۇرى بولۇپ، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يېزا - بازاردىن يۆتكىلىپ كېتىش پۇرسىتى كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ رەت قىلغانىدى.

«دادام ماڭا دوختۇرنىڭ مەسئۇلىيىتى كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش دېگەن، ھازىر ئاساسىي قاتلامدا دوختۇر كەمچىل، قېپقېلىپ ئاساسىي قاتلامدىكى پۇقرالار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن.» بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن نازىگۈلنىڭ يېزا - بازارلىق شىپاخانىدا مۇلازىمەت قىلىۋاتقىنىغا 23 يىل بولدى.

«باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىپلا قالماي، يەنە ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغداش كېرەك. ھەر مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك.»كۆپ يىللاردىن بۇيان، موللاشېرىپ بوش ۋاقتى بولسىلا، چارۋىچىلىق رايونلىرى، مەكتەپلەرگە بېرىپ تەشۋىق قىلدى، ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى.

9- ئاينىڭ 27- كۈنى، موللاشېرىپ «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس»بولۇپ تەقدىرلەندى. ئۇ شان - شەرەپكە نىسبەتەن مۇنداق دېدى: «مەن بىر دوختۇر، تېخىمۇ مۇھىمى بىر كومپارتىيە ئەزاسى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى داۋاملىق ياخشى قوغداپ، پېشقەدەملىك رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشنى كۆپرەك قىلىمەن!»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى