تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چېن گاڭلياڭ: تۆگە باقىدىغان چارۋىچىلارنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىمەن

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

«<ئادەتتىكى ئىشلارنىمۇ پۇختا قىلىش كېرەك، قۇرۇق خىيالغا بېرىلمەسلىك، قۇرۇق گەپكە بېرىلمەسلىك، بەلكى ھەقىقەتنى ئىزدەش پوزىتسىيەسى بىلەن پۇختا ئىشلەش كېرەك. مۇشۇ پوزىتسىيە بىلەن بىلىم ئالغاندا، ھەقىقەت ئايدىڭلىشىدۇ، مۇشۇ پوزىتسىيە بىلەن ئىش قىلغاندا، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ> بۇ لى داجاۋنىڭ ھېكمەتلىك سۆزى، شۇنداقلا مېنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە تۇتقان بىر خىل پوزىتسىيەم» دېدى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيو پەن - تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى چېن گاڭلياڭ.

12 يىلدىن بۇيان، چېن گاڭلياڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيو تېخنىكا گۇرۇھىنى قۇرۇپ، نامراتلارنى پائال يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ، قىزغىنلىق بىلەن ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا بېرىلىپ، تۆھپە قوشۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلدى.

9- ئاينىڭ 27- كۈنى، چېن گاڭلياڭ «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» بولۇپ تەقدىرلەندى، شان - شەرەپكە نىسبەتەن ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «زىممەمدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم، مەن يەنە داۋاملىق تىرىشىپ تۆگە باقىدىغان تېخىمۇ كۆپ چارۋىچىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن».

بۇ ئۇنىڭ بۇ سۆزنى تۇنجى قېتىم ئېيتىشى ئەمەس، 2007 - يىلى ئۇنىڭ جەنۇبىي جۇڭگودىكى يۇرتىدىكى ئەۋزەل تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ بۇرۇلتوقايغا كېلىپ، تۆگىچىلىك كەسپىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، 12 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ بىرلا ئىشنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى پەقەت چارۋىچىلارغا بەرگەن ۋەدىسى ئۈچۈنلا ئىدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدا، ئىلگىرى قاتناش قورالى قىلىنىدىغان تۆگە چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»كە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، ئالتاي ۋىلايىتىدە 2700دىن ئارتۇق تۆگە باققۇچى ئائىلە تۆگىچىلىك كەسپىدىن نەپ ئېلىۋاتىدۇ، پۈتكۈل شىمالىي شىنجاڭدا بولسا 5500دىن ئارتۇق تۆگە باققۇچى چارۋىچى ئائىلىسى تۆگە بېقىش، سۈت پونكىتى باشقۇرۇش، توشۇشقا قاتنىشىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. تۆگىچىلىك كەسپى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى «جانلىنىۋاتقان كەسىپ»، نامرات دېھقان - چارۋىچىلارنى بېيىتىدىغان كەسىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى.

يېقىندا، ۋاڭيۈەن گۇرۇھى تەخمىنەن 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان، ساياھەت، مەبلەغ سېلىش، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش، كۆڭۈل ئېچىش، ئىستېمال قىلىش بىر گەۋدە قىلىنغان كۆلىمى 380 مو كېلىدىغان «جۇڭگو تۆگىچىلىك بازىرى» تۈرى رەسمىي قۇرۇلۇش قىلىش باسقۇچىغا كىردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، جېمىنەي ناھىيەسى بىلەن ھەمكارلاشقان يېڭى تۈر «ۋاڭيۈەن جېمىنەي ۋەنتو باغچىسى»نىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمىتىمۇ تاماملاندى، 800 مو تەجرىبە ئوتلىقىدا دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلدى، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن 2000 تۆگە كىرگۈزۈش پىلانلىنىپ، يانداش ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى. بۇ تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن كېلىشىم ئىچىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ھەربىر نامرات ئائىلىگە ئىككىدىن سېغىن تۆگە بېرىلىدۇ ھەم 1000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

كارخانىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا يار - يۆلەك بولۇش يولىدا، چېن گاڭلياڭ ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، چېن گاڭلياڭ بىر مۇكەممەل تۆگە سۈتى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش زەنجىرى بەرپا قىلدى. شىركەت دەسلەپتە قۇرۇلغان چاغدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 600دىن ئارتۇق تۆگە باققۇچى نامرات ئائىلىنى جەمئىي 1200 قېتىمدىن ئارتۇق قەرز پۇل ۋە كېپىللىك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىدى، سوممىسى جەمئىي 90 مىليون يۈەندىن ئاشتى. سېغىن تۆگە باققۇچى ئائىلىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ۋاڭيۈەن گۇرۇھى 2012- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە باقمىچى چوڭ ئائىلىلىرىنى قىممىتى 2 مىليون يۈەنلىك 50 يۈرۈشتىن ئارتۇق توڭلىتىش ئۈسكۈنىسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. 2013- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە، شىركەت ئىلگىرى - كېيىن 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، چارۋىچىلارنى بېيجىڭ، شاڭخەي، شياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق جايلارغا سەيلە - ساياھەتكە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، چارۋىچىلارنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتتىن مىننەتدار بولۇش ھېسسىياتىنى كۈچەيتتى.

بۇ يىل، ۋاڭيۈەن گۇرۇھى بازارنى بارغانسېرى كېڭەيتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 1300دىن ئارتۇق مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىركەت چەت ئەلدىكى بازىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئامېرىكا، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق 13 دۆلەتتە چەت ئەلدە سېتىش نۇقتىسى قۇردى.

«مەن بىر ئادەمنىڭ كۈچى بەكلا ئاجىز، بىر كارخانىنىڭ كۈچىمۇ چەكلىك، لېكىن مەن تۆگىچىلىك كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، چېگرا رايوندىكى تۆگە باقىدىغان تېخىمۇ كۆپ چارۋىچىنى پۇل تېپىپ، ياخشى كۈن كەچۈرۈش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىمەن. ئىشىنىمەنكى، بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، مەن گۈزەل كەلگۈسىنىڭ چوقۇم رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى چېن گاڭلياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى